تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇڭ چۇنجيې فوتوسى، خەۋىرى): «خىزمەت ئەترىتى، كەنت <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ يىل ئىككى مو يەرگە سىناق قىلىپ چامغۇر تېرىدىم، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەملىشىپ سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، ھازىر تۆت توننىدىن ئارتۇق چامغۇر ئالدىن سېتىلىپ بولدى، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 4-5 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، يېمەكلىك ئاپتاپپەرەس تېرىغانغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر مو يەردىن 2400 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى دولايتى يېزىسى دولايتى كەنتىدىكى چامغۇر تەجرىبە ئېتىزىدا، كەنت ئاھالىسى جاڭ گىنچۈەن خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى چەكلىك شىركىتى ئالتاي تارماق شىركىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى دولايتى يېزىسى دولايتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، دولايتى كەنتىنىڭ دەريا ۋادىسىغا يېقىن، يەر شەكلى تۈز، تۇپرىقىنىڭ ئىشقارلىقى يۇقىرى، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولۇپ، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىسى چامغۇر تېرىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى «بىر كەنتتە بىر سورت بولۇش» تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، بازارنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، بايلىق ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلى، تېرىقچىلىق ماھىرى جاڭ گېنچۈەن ۋە جېڭىسخاننى سىناق تېرىپ بېقىشقا تاللىغان. ھازىر چامغۇردىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 2000 كىلوگىرامدىن ئاشقان.
تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە تېخنىكا تىرىكى تەمىنلەش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئاكتىپلىق بىلەن ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، زىرائەت تېرىش، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىش قىلىش، سۇغىرىش-ئوغۇتلاشنى تەڭشەپ كونترول قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېرىقچىلىق ئائىلىرىگە پۈتۈن جەريانلىق تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە مۇلازىمىتى تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، چامغۇرنىڭ پىشىش مەزگىلى 60 كۈن ئەتراپىدا ئىكەن، شۇنداقلا چامغۇر سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، ئۇنى ئاسان ساقلىغىلى بولىدىكەن، چامغۇرنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ يۇقىرى ئىكەن. تەييارلاش ئۇسۇلىدىن قورۇش، سوغۇق سەي قىلىشقا بولىدىكەن، چامغۇرنى قوي گۆشى بىلەن دۈملىسە تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدىكەن، ئۇنىڭ تەمى ھەمدە ئۆپكىنى تازىلاپ يۆتەلنى توختىتىش، ئۇرۇق كۆپەيتىپ ئەرلىكنى كۈچەيتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكتىن، چامغۇر ھەممە ئۆيلەرگە كىرىپ، ئاشخانا، مېھمانخانىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى مەززىلىك تائامغا ئايلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇرچىن ناھىيەسى «بىر يېزىدا بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر سورت بولۇش»نى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش بويىچە كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل پۈتۈن ناھىيەنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمى 465 مىڭ مو بولغان، خاس تېرىقچىلىق كۆلىمى 210 مىڭ مونى ئىگىلىگەن.