سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆ تىببىي شۆيۈەنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ياشانغانلار ھەر ھەپتىدە ئىككى كىشىلىكتىن كۆپ بولغان موگۇنى ئىستېمال قىلغاندا، بىلىش تۇيغۇسى توسالغۇغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %50 تۆۋەنلەيدىكەن.
بۇ تەتقىقاتقا سىنگاپوردا ئولتۇرۇشلۇق 60 ياشتىن ئاشقان 663 ياشانغان كىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن. تەتقىقات ئۆمىكى سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ سىنگاپوردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالتە خىل موگۇ (جىنجېنگۇ، پىڭگۇ، شياڭگۇ، ئاق موگۇ قاتارلىقلار) نى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى كۆزەتكەن. تەتقىقاتتا، بىر كىشىلىك موگۇنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 150 گىرام، ئىككى كىشىلىك موگۇ يېرىم تەخسىسىگە باراۋەر بولغان. كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە بىر كىشىلىكمۇ موگۇ ئىستېمال قىلمايدىغان ياشانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر ھەپتىدە ئىككى كىشىلىكتىن ئارتۇق موگۇ ئىستېمال قىلىدىغان ياشانغانلارنىڭ بىلىش تۇيغۇسى توسالغۇغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى %43 تۆۋەنلىگەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، موگۇنىڭ تەركىبىدە بىر خىل ئالاھىدە بىرىكمە ئېرگوتىئون بار بولۇپ، بىلىش تۇيغۇسى توسالغۇغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
جۇڭگو خانىم-قىزلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى