تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] ئالتاي شەھىرى ساياھەت مۇلازىمەت تىپىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتى بەرپا قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىر تاڭ كەندۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ شىجۈ خەۋىرى) يېقىندا، مۇخبىر ئالتاي شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق يولى ماي قاچىلاش پونكىتىدا، ماي قاچىلىغىلى كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك تۇرغانلىقىنى، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئىلگىرىكى «توپا باسقان» ئوبرازىنىڭ ئۆزگىرىپ، چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

  يەر يۈزىدىكى نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەلگە كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ساياھەتچى شيا ۋېييۈن ئاپتوموبىلنى بەلگىلەنگەن رايونغا ھەيدەپ كىرىپ ئۆچرەتتە تۇردى. «قەيەردە دېزىل مېيى قاچىلاپ، قەيەردە بېنزىن قاچىلاشنى بىر قارىسىلا بىلگىلى بولىدۇ. ئىلگىرىكىدەك قالايمىقان ئاپتوموبىل توختىتىپ، ماي قاچىلاش پونكىتىدا قىستاڭچلىق پەيدا بولىدىغان ئىشلار يوق، شۇنداقلا ماي قاچىلاش ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك تېجىگىلى بولىدىكەن.» دېدى ماي قاچىلاپ بولغان شيا ۋېييۈن مۇخبىرغا.

  ئالتاي شەھىرى ساياھەت مۇلازىمەت تىپىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى يول كۆرسىتىش، يول ئەھۋالىدىن مەسلىھەت بېرىش، ھاۋارايى ئەھۋالى قاتارلىق بىر جايدا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تەمىنلىدى. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە يەنە بىر جايدا مال سېتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ماي قاچىلاش پونكىتى ئالاھىدە يەرلىك سوۋغاتلىق مەھسۇلاتلار، دالا بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، ئىنچىكە نۇقتىلاردىن قول سېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈردى.

  بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق يولىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلدى، بىر ئايدىن كۆپرەك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئىتتىپاق يولى ماي قاچىلاش پونكىتىدا قاتناش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئاپتوموبىللارغا ماي قاچىلاشنىڭ ساقلاش ۋاقتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

  جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالتاي شۆبە شىركىتى ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، يازلىق تىجارەت ۋاقتىنى ئەتىگەن سائەت 7:00 دىن سەھەر سائەت 3:00 گە تەڭشىدى.

    كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالتاي شۆبە شىركىتى ساياھەتچىلەرنى «يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ماي قاچىلاش پونكىتىنى ساياھەت مۇلازىمەت تىپىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى