تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاتۇش شەھىرى: خاس باقمىچىلىقتا «كالا كۈچىنى كۆرسەتتى»

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىمىز جياڭ شىڭمەن، لى ۋېنچيەن فوتوسى، خەۋىرى): «مۆ مۆ...» 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسى ئارامەھەللە كەنتىدىكى خاس باقمىچىلىق ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورنىدا، باققۇچى خادىملار ماللارغا يەم-خەشەك بېرىۋاتقان بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەمگەك مەنزىرىسى نامايان بولغان ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئارامەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، «باقمىچىلىق ماھىرلىرى»نىڭ باشلامچىلىق قىلىپ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش» ۋە مەركەزلىك بورداش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى چارۋىنى تارقاق بېقىشنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشقا ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەپ، سۈپەتسىز چارۋىنى ئەلا چارۋىغا، كىچىك چارۋىنى چوڭ چارۋىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، تارقاق چارۋىچىلىقنى قوتان باقمىچىلىقىغا ئۆزگەرتىپ، ئارامەھەللە ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، «كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق+ئىلمىي باقمىچىلىق+ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق»تىن ئىبارەت تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىم ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يولى»غا باشلىدى.

ياز كىرگەندىن بۇيان، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلۈش مەزگىلى كەلدى، خىزمەت ئەترىتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ زىيارەت قىلىش، ھەپتىنىڭ بىرى دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پايدىلىق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، باقمىچىلارغا ئىلمىي باقمىچىلىق، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، باقمىچىلىق بازىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق كەسپىي بىلىملەر توغرىسىدا دەرس ئۆتتى، يەنە باقمىچىلىق كۇرسىنى «نامراتلارنى يۆلەش كالىسى»نى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يۆتكەپ كەلدى، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى نەق مەيداندا كەنتتىكى كالا باققۇچىلارغا بېقىش، يۇقۇمدىن ساقلىنىش، نەسىل ياخشىلاش قاتارلىق تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى.

كەنتتىكى ھەربىر كالا باقىدىغان تارقاق ئائىلىلەر ۋە باقمىچىلىققا ماھىر بولمىغان نامرات ئائىلىلەر كوپىراتىپقا 13 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە پاي قوشۇپ، ئەڭ تۆۋەن قوغداش باھاسى بويىچە سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن، ھەر يىلى قوشقان پاي سوممىسىنىڭ %10ى بويىچە ئاھالىلەرگە پايدا تەقسىم قىلىنىدىكەن، ئەگەر ئەھۋالدا داۋالغۇش بولۇپ قالسا، خەۋپ-خەتەرنى زاۋۇت ئۈستىگە ئالىدىكەن. خىزمەت ئەترىتىنىڭ «كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق يولىدا مېڭىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرغانلىق دەل كىرىمنى ئاشۇرغانلىق» ئىدىيەۋى خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى كالا بېقىپ بېيىش يولىغا كىرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى