تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

8- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئېغىر نامرات ناھىيە ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئاتۇش شەھىرىنىڭ كىچىك، ئۇششاق (كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت) كەسىپلەر باغچىسىدىكى گولىخۇا كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئېغىر نامرات ناھىيە ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئاقتۇ ناھىيەسى كۇنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە 984 ئائىلىدىكى 4047 چارۋىچى ئولتۇراقلاشقان. چېن چۈەنگو مەھەللىگە كىرىپ، كۆچۈرۈلگەندىن بۇيانقى جەمئىيەت مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەلەش بازىسىدا، چېن چۈەنگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، دېھقان - چارۋىچىلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بازارنى ياخشى ئېچىپ، سۈپەتلىك ماركىنى زورايتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يىراققا، تېخىمۇ ياخشى سېتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچى ۋە قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى مېيى كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت پونكىتىغا كېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش 1- شۇجىلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە يېزا - كەنت كادىرلىرىنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك.

ئاتۇش شەھەرلىك كىچىك، ئۇششاق (كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت) كەسىپلەر باغچىسىغا كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت، گىلەم، كەشتىچىلىك ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 33 كارخانا ماكانلاشقان بولۇپ، 4198 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە، نامرات ئاھالە 1321 كىشى. چېن چۈەنگو گولىخۇا كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانا مەسئۇلى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە جۇنۇس ئەلى، ئىمامھەسەن قادىر ئىككى ئائىلىلىك نامرات ئاممىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، چېن چۈەنگو خۇشال بولغان ھالدا ئۇلارنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، چېن چۈەنگو قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق تەپەككۇر، تېخىمۇ دەل تەدبىر ئارقىلىق قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك. نىشان ئۆلچىمىنى ئىگىلەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك؛ دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات ئاممىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئائىلىگىچە دەل جايىدا بولۇش، ئادەمگىچە دەل جايىدا بولۇش كېرەك؛ كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل ئۆزگەرتىشتە بوشاڭلىق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.