تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«شىنجاڭ تائاملىرى» ساياھەتچىلىكتىكى يېڭى سۈپەتلىك ماركىغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

8- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا، خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرىدا گەرچە چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن داڭلىق ئەقىدەم سامسا دۇكىنى يەنىلا ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى. يەرلىك خېرىدارلاردىن باشقا، بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ، بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىۋاتقان سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەنىدى. «بۇ يەرنىڭ سامسىسىنىڭ نامى بىكارغا چىقماپتۇ» دېدى بېيجىڭدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچى جاۋ چىڭ باشمالتىقىنى چىقىرىپ. پىيالىدەك چوڭلۇقتىكى سامسا، مەززىلىك پۇرىقى چىقىپ تۇرغان تونۇر كاۋىپى، مۇزدەك، ھۇزۇر بېغىشلايدىغان دوغ... جاۋ چىڭ ۋە ئۇنىڭ 15 ھەمراھى دۇكاندىكى ئۆزگىچە تائاملارنىڭ ھەممىسىنى تېتىپ كۆردى، يەنە قىسقا سىنغا ئالدى. «بىردەمدىن كېيىن ۋاقتىم چىقسىلا دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى كۆرسىتىپ قويىمەن» دېدى جاۋ چىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

«ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىشتە، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش كېرەك.» بۈگۈنكى كۈندە، «شىنجاڭ تائاملىرى» تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى، نۇرغۇن ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، جەزمەن يەيدىغان سۈپەتلىك ماركىغا ئايلىنىش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تارقاتتى.

 جاي - جايلاردىكى مەززىلىك تائاملار مېھمانلارنى جەلپ قىلدى

«ئىلگىرى خېرىدارلارنىڭ كۆپ قىسمى خوتەندىكى يەرلىكلەر ئىدى، ھازىر ساياھەتچىلەر %70تەكنى ئىگىلەيدۇ» دېدى پەزىلەت مەمتىمىن مۇخبىرغا. پەزىلەت داڭلىق ئەقىدەم سامسا دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى. 1988- يىلى ئۇنىڭ دادىسى يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدا سامسا دۇكىنى ئاچقانىدى. 31 يىل ئۆتۈپ كەتتى، سامسا دۇكىنى بارغانسېرى كېڭىيىپ، بارغانسېرى داڭقى چىقتى، ھازىر كۈندە سامسىدىنلا 3000 ئەتراپىدا ساتالايدۇ.

يېقىنقى ئىككى يىلدا، پەزىلەت خېرىدارلار ئارىسىدا ھەرقايسى جايلارنىڭ يەرلىك شېۋىسىدە سۆزلىشىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ھەر كۈنى چۈشتە سامسا دۇكىنى ئەتراپىدا توختايدىغان ساياھەت ئاپتوبۇسى ۋە سىرتقى جايلارنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئاسقان ئاپتوموبىللارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. سامسا دۇكىنىنىڭ تىجارەت ئىدىيەسىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئامالنىڭ بارىچە ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتكە ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان بولدى، مەسىلەن، ئاشپەز يېڭىلا تونۇردىن چىققان سامسىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭغاچ «سامسا پىشتى» دەپ توۋلاپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ دوۋيىندا قىسقا سىن تارقىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، سامسا دۇكىنىنىڭ داڭقى يىراقلارغا تارقىلىپ، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى.

«غىزالىنىش، قونالغۇ، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت ساياھەتچىلىكنىڭ ئالتە مۇھىم ئامىلى ئىچىدە، «غىزالىنىش» ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كاۋاپ، داپەنجى، لەڭمەن، پولۇ قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ساياھەتچىلەرنىڭ «غىزالىنىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ داڭلىق ساياھەت نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە شەرەپ كەلتۈردى.

شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەندە، داپەنجى يېمەسلىك چوقۇم بىر خىل ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، ساۋەن داپەنجىسى شىنجاڭ داپەنجىسىنىڭ ۋەكىلى، ئۇ ھازىر ساۋەن ئوتتۇرىغا چىقارغان مەززىلىك تائام ماركىسى. ساۋەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇڭ خۇيچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەخمىنەن 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، داپەنجى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەرلىكتىكى بىر قىسىم ئاشخانىلىرىدا پەيدا بولغان، ئەينى چاغدىكى ئاساسلىق خېرىدارلار يولدىن ئۆتكەن - كەچكەن شوپۇر قاتارلىقلار بولغان، داپەنجىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ساۋەن، شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ساۋەن داپەنجىسى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائامىغا ئايلانغان، ھازىر يەنە شۇ جاينىڭ ئەڭ داڭلىق ساياھەت ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالغان، نۇرغۇن ساياھەتچى ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان بولغان. نۆۋەتتە، شۇ يەردىكى داپەنجى يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى 1000غا يېتىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى ھەمدە باقمىچىلىق كەسپى، تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

 تېخىمۇ كۆپ كىشى «ساياھەت تامىقى» يېيەلەيدىغان بولدى

تۈن پەردىسى يېيىلىپ، نۇرىمانگۈل ئاقايىت بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقتىنى باشلىدى.

بۇ يىل 1- ئايدىن باشلاپ، نۇرىمانگۈل خوتەن كەچلىك بازىرىدا (خۇەنخۇ دۇكىنىدا) پېتىر مانتا دۇكىنى ئاچتى. ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كەچلىك بازاردا ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىر ئۇ ھەر كۈنى كەچتە 80 - 70 قاسقان پېتىر مانتا ساتالايدىغان بولۇپ، ئايلىق كىرىمى 8000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

بۇ يىل 1- ئاينىڭ 9- كۈنى، مىللىيچە ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار، مىللىي ناخشا - ئۇسسۇل ئويۇنى، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇششاق يېمەكلىكلىرى، ساياھەت ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى توپلىنىپ بىر گەۋدە قىلىنغان خوتەن كەچلىك بازىرى (خۇەنخۇ دۇكىنى) رەسمىي تىجارەت باشلىدى. 158 دۇكان تىجارەتچىسى ئىچىدىكى %70تىن كۆپرەكى خوتەن مەززىلىك تائاملىرى تىجارىتى قىلىدۇ.

«بىز يەرلىك ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى قېزىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە خوتەننىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىتقۇزۇپلا قالماي، خوتەننىڭ ساياھەتچىلىكىگە تېخىمۇ تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى خوتەن كەچلىك بازىرى(خۇەنخۇ دۇكىنى)نىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى باۋ فېڭيۈ تونۇشتۇرۇپ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەرگە كۈندە كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ سانى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ تۆت پەسىل كەچلىك بازىرىدا، ما دېگۇي بېلىق تائاملىرى ئاشخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ھېسابلاپ كەلگەندە، ما دېگۇينىڭ بۇ يەردە دۇكان ئېچىۋاتقىنىغا ئون يىل بولدى. كۈندۈزى تاماق يەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىكلەر بولۇپ، كەچتە ساياھەتچىلەر زور كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. ھازىر، ما دېگۇي بېلىق تائاملىرى ئاشخانىسىنىڭ نامى يىراقلارغا تارقىلىپ، دائىم ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يان تېلېفونىدىكى سۈرەتكە قاراپ ئىزدەپ كېلىپ، نامىنى ئاتاپ بېلىق كاۋىپىنى بۇيرۇتىدۇ. ئون يىل ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاشخانىسى 30 نەچچە كىۋادرات مېتىردىن 100 نەچچە كىۋادرات مېتىرغا تەرەققىي قىلدى، يەنە سەككىز خىزمەتچى ياللاپ، تۆت پەسىل كەچلىك بازىرىدىكى 120گە يېقىن ئاشخانا ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق ئاشخانىغا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە يەرلىك ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرىنى قېزىپ چىقىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر يېڭى يول ئاچتى، تېخىمۇ كۆپ كىشى بۇ يول ئارقىلىق ساياھەت كەسپىگە قاتناشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 32 مىڭدىن كۆپرەك كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك - ئىچمەكلا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتى.

 ساياھەتچىلىك + مەززىلىك تائام بىرىكمە قارتىنى ياخشى ئويناش

8- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى 7- نۆۋەتلىك شۆجۈ مەدەنىيەت - ساياھىتى. مەززىلىك تائاملار ھەپتىلىكى پائالىيىتى داۋانچىڭ رايونىنىڭ شىگوۋ يېزىسىدا باشلاندى، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر تاماشا قىلىش، شۆجۈ ئۈزۈشتىن سىرت، يەنە پۈتۈن قوي تونۇر كاۋىپى، كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ قاتارلىق 40 نەچچە خىل مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىلىق يارىتىلغان مەززىلىك تائام − «شۆجۈ تۇخۇم» نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

«شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر مۇھىم يول» دېدى شىگوۋ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى خەي جيەنشىن. شىگوۋ يېزىسى شۇيمۇ كەنتى يەرلىك بەرپا قىلغان يېزا - كەنت ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ، ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، ھازىر تۈرلۈك دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك ئاشخانىسىدىن 20سى بار.

دەل مەززىلىك تائاملارنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، 2014- يىلىدىن باشلاپ، داۋانچىڭ رايونى مەززىلىك تائاملارنى تونۇشتۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىشنى شۆجۈ مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىگە كىرگۈزدى.

پەقەت داۋانچىڭ رايونىلا ئەمەس، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى ئالتۇن خەتلىك ماركا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى قەدەم تەشرىپ قىلىشقا جەلپ قىلدى. ھەر خىل مەززىلىك تائاملارنى مۇھىم مەزمۇن قىلغان مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ساۋەن چوڭ تەخسىلىك مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى، «چۆچەكلەردىكى چېگرا شەھەر. بۇرچىن تەمى» مەززىلىك تائاملار بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تەسىر كۈچىمۇ بارغانسېرى زورايدى.

«بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەززىلىك تائام بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، خوتەن ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى نام كارتىسىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز.» خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كەسىپلەر تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن سۇڭمېي مۇنداق بىلدۈردى: خوتەن ۋىلايىتى ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنىڭ ئۆلچەملىشىشى ۋە سۈپەتلىك ماركىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەززىلىك تائاملار جەمئىيىتى قۇرۇپ بۇ تۈردىكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ.

«ساياھەتچىلىك بىلەن مەززىلىك تائاملارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ.» ئۈرۈمچى يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمئىيىتى مىللىي يېمەك - ئىچمەك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي جىڭتاڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېخىمۇ ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان، سۈپەتلىك ماركىلاشقان قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى