تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

بايىنغولىن ئوبلاستى پۈتۈن كۈچى بىلەن كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلماقتا

«گۈللىنىش ناملىق» پويىز ئۇچقاندەك ماڭدى     «ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىي رايونى» يولغا چىقتى

بايىنغولىن ئوبلاستى پۈتۈن كۈچى بىلەن كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلماقتا

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈجاۋ، شېن ياپىڭ، شۈ چىڭگۇاڭ، تاڭ يۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: «بەك ياخشى بولدى، كورلىدىمۇ <گۈللىنىش ناملىق> پويىز بار بولدى!» 8- ئاينىڭ 8- كۈنى «گۈللىنىش ناملىق» پويىزغا ئولتۇرۇپ كورلىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان ۋاڭ شۇيمېينىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى. شۇ كۈنى «گۈللىنىش ناملىق» C8804 قېتىملىق تۇنجى پويىز كورلا ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلانى بويىچە، كورلا نۇقتىلىق بەرپا قىلىنىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك بەش ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلىنى يادرولۇق تۈگۈن قىلىپ، تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىستېرېئولۇق ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ.

«20 نەچچە يىل ئىلگىرى، پويىزغا ئولتۇرۇپ كورلىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈن بىر كېچە ۋاقىت كېتەتتى، سۈرئەت ئاستا، ۋاگون ئىچى تار، قىستاڭچىلىق بولۇپ، پويىزغا ئولتۇرۇش قەھەتچىلىكتىن قېچىشقا ئوخشايتتى»، دېدى 47 ياشلىق ۋاڭ شۇيمېي. كورلىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەپەرگە چىقىش قولايسىز بولۇشتىن «ماڭىمەن دەپلا مېڭىش»قىچە، ئۇ ئادەتتىكى پويىز، ئادەتتىكى تېز پويىز، «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» شەھەرلەر ئارا پويىز ۋە ھازىرقى «گۈللىنىش ناملىق» پويىز دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى، كورلىدىن ئۈرۈمچىگە يۈرۈش ۋاقتى ئەڭ دەسلەپكى ئون نەچچە سائەتتىن ئەڭ تېز بولغاندا ئۈچ سائەت 38 مىنۇتقا زور دەرىجىدە قىسقاردى. بۇ مەزگىلدە، كورلا تۆمۈريولىدا تىجارەت تىرانسپورت لىنىيەسىدىن پەقەت بىرلا بولۇش، يۈرۈش ئىقتىدارى نەچچە ئون كىلومېتىر بولۇشتىن تەرەققىي قىلىپ تىجارەت تىرانسپورت لىنىيەسى بەشكە، يۈرۈش ئىقتىدارى 880 كىلومېتىرغا يەتتى.

قۇرۇلۇۋاتقان گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭدىن چىقىدىغان 3- چوڭ يول. نۆۋەتتە، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ كورلىدىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكىدىكى يول ئۇلى، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ۋە رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتى تولۇق تاماملاندى، كورلا ۋوگزالىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ۋوگزال ئۆيلىرى 9- ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ كورلىدىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكىدە قۇرۇلۇش پۈتۈپ پويىز قاتنايدىكەن، 2020- يىلى گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە پويىز قاتنايدىكەن. خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدىمۇ بۇ يىل 5 - ئايدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 2022- يىلى پۈتۈپ پويىز قاتنايدىكەن، شۇ چاغدا بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەسىدىكى تۆمۈريول ئومۇمىي مۇساپىسى 2000 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

تاشيول قۇرۇلۇشى جەھەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستى «ئىككى ئايلانما، بىر لىنىيە، بىر ئوق، بىر چەمبىرەك» يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، «توغرىسىغا ئۈچ، ئۇزۇنىسىغا تۆت» غول لىنىيە قاتناش تورى قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كورلا شەھىرىنى مەركەز قىلغان بىر سائەتلىك ئىقتىساد چەمبىرىكى بەرپا قىلىدۇ ھەم «دۆلەت، ئۆلكە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن پايدىلىنىپ تېز ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەت تاشيولىغا تايىنىپ كەزمە ساياھەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ۋەزىيىتىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىمۇ ئوخشاشلا «سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ» تەرەققىي قىلدى. 2007- يىلى، يېڭى كورلا ئايرودۇرۇمى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 2008- يىلى يولۇچى توشۇش مىقدارى ئاران 200 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 277.3 توننا ئىدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يۈك توشۇش مىقدارى 7670 توننىغا يەتتى. نۆۋەتتە كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ قاتناش نۇقتىسى 36گە كۆپەيتىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى 16 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلدى.

«نۆۋەتتە، خېجىڭ بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى، بۈگۈر پۇقرالار ئايرودۇرۇمى تۈرىدە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر پائال ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، <14 - بەش يىل>نىڭ ئاخىرىدا بايىنغولىن ئوبلاستىدا بەش تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى بار بولىدۇ». 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتناش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چېن چيۇجۈ مۇنداق بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كورلا شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئىككىلەمچى تۈگۈنىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى