تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلگەن ئىللىقلىق: 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشى «كەپىدىن بىناغا كۆچتى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

«كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش مىليونلىغان ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە مۇناسىۋەتلىك.»... پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كوناشەھەر رايونى ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: كەپىلىك مەھەللە، كوناشەھەر رايونىدىكى ئاممىنىڭ تۇرالغۇسىنى تېخىمۇ راھەت، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنى زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، قىسقىغىنا نەچچە يىلدا، 100 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە «كەپىدىن بىناغا كۆچۈپ»، ئەمىن ئۆي ئارزۇسىغا يەتتى.

 «ئولتۇراقلىشىشتىن غەم قىلىش»تىن «ياخشى ئولتۇراقلىشىش»قىچە

8- ئايدىكى ئىچكى موڭغۇل ئائېرشەن شەھىرىدە ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى. تۈپتۈز ئۆسكەن ھىنگان بال قارىغىيى رەت - رەت سېلىنغان كۆركەم كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش بىنالىرىنى ئوراپ تۇراتتى. 79 ياشلىق گو يۇڭسەي خوتۇنى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ئېگىز بىنادا ئولتۇرىدىغان بولدى.

«ئۆيگە توكلۇق سۇ ئىسسىتقۇ، تەرەت تۇڭى ئورنىتىلغان، تۇرمۇش ناھايىتى قولايلىق. قىشتا مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىلىدۇ، ئەدىيال يېپىنىپلا ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ. ھازىر ھەقىقەتەنمۇ بەختتىن ھۇزۇرلاندۇق» دېدى لاۋ گو بەختلىك كۈلۈمسىرەپ.

بەش يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، چېگرا رايونغا جايلاشقان ئائېرشەن شەھىرىگە كەلگەن ھەم قىيىنچىلىقى بار ئورمانچىلىق ئىشچىسى گو يۇڭسەينىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەنىدى. گو يۇڭسەي قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ يەنىلا بىرقەدەر ناچار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەرلىكتىكى كادىرلارغا كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقىپ، ئاممىنى بالدۇرراق يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈشنى تاپىلىغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، ئائېرشەن شەھىرى كەپىلىك مەھەللىلەرنى چوڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىشنى باشلىدى. 2014- يىلىدىن ھازىرغىچە، يەرلىك جەمئىي 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، گو يۇڭسەيگە ئوخشاش 10 مىڭ 200 ئائىلىلىك ئامما، ئولتۇراقلىشىشتىن غەم قىلىشتىن خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشقا يۈزلەندى.

دەرەخلەر سايە تاشلىغان، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن، يوللار پاكىز... خۇبېينىڭ ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونى چىڭيىجۈ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ليۇ گۇيخۇا ئىچ - ئىچىدىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى!»

2018- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ چىڭشەن رايونى ئىشچىلار كەنتى كوچىسىغا كەلدى. «كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش مىليونلىغان ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. شەھىرىمىزنىڭ بىر تەرىپى ئېگىز كاتتا بىنالار، يەنە بىر تەرىپى پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار كەپىلىك مەھەللە بولسا بولمايدۇ.» باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن يەرلىكتىكى ئامما چوڭقۇر مېھرىبانلىقنى ھېس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ۋۇخەن چىڭشەن رايونىدىكى كەپىلىك مەھەللىدە ئولتۇرىدىغان 13 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە، 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ليۇ گۇيخۇا ئائىلىسىمۇ 2015- يىلى يېڭى مەھەللىگە كۆچۈپ كىردى.

2013 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە، دۆلىتىمىز كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى زور كۆلەمدە ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، 2013- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە تۈرلۈك كەپىلىك مەھەللىلەردىكى جەمئىي 26 مىليون 450 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىپ، 60 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى، ئۆزگەرتىلگەن ئۆي سانى ۋە نەپ يەتكۈزگەن ئاھالىنىڭ سانى ئوتتۇرىچە 2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن بىر قاتلاندى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت مىقياسىدا 100 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە «كەپىدىن بىناغا كۆچتى»، تۇرالغۇ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

 «ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتۈش»تىن «ئەھمىيەت بېرىش»كىچە

كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، كەپىلىك مەھەللىدىن كۆچكەن ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى روشەن ئۆستۈردى.

ئائېرشەن شەھىرى يىئېرشى كوچىسى يىلىن مەھەللىسىدە، سۇ يەنمېينىڭ ئۆيى ئىنتايىن چىرايلىق، ئۆزگىچە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان، بېلىق قاچىسىدا رەڭگارەڭ ئىسسىق بەلباغ بېلىقلىرى بېقىلغان بولۇپ، بالكونغا گۈل تەشتەكلىرى تىزىلغانىدى. «شەھەردە نەچچە ئون يىل تۇرۇپ، ئەمدىلا ھەقىقىي شەھەر تۇرمۇشىغا ئېرىشتىم» دېدى سۇ يەنمېي ھاياجانلانغان ھالدا.

يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن قاتتىق دېتاللار ياخشىلاندى، كەپىلىك مەھەللىدىن كۆچكەن ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆستى. ۋۇخەن چىڭشەن رايونى چىڭشىنجۈ مەھەللىسىدىكى يۈ دۇڭمېي مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، «يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە، كەپىلىك مەھەللىدىن كۆچكەن ئاھالىلەردە قالايمىقان ئەخلەت تاشلايدىغان، بىنادىن نەرسە تاشلايدىغان ناچار ئادەت بار ئىدى، مەھەللىنىڭ تەشۋىق قىلىشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن ھازىر مەھەللىمىزنىڭ مۇھىتى پاكىز، ھەممە ئادەم مەدەنىي، ئەدەپلىك بولۇپ كەتتى».

«كەپىلىك مەھەللە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، يېڭى ئۆيىمىز بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى ئائىلىمىزمۇ بار بولدى.» چاڭشا شەھىرىنىڭ شياڭيا يولى كوچىسى ۋېنچاڭگې مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ليۇ جىچۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھازىر ھەر كۈنى ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ ناخشا ئېيتىدىكەن، مەھەللە ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن. «تۇرالغۇ مۇھىتىمىز ياخشىلاندى، تۇرمۇشىمىزمۇ تېخىمۇ مول، رەڭگارەڭ بولۇپ كەتتى».

مۇخبىرلار ئىچكى موڭغۇل، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ شۇنى ھېس قىلدىكى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەرنىڭ قىياپىتى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلانغان. ھەرقايسى رايونلار كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، يېقىلغۇ گاز قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىش قاتارلىق تۈرلەرنى كەينى - كەينىدىن ئىشقا كىرىشتۈرگەن ھەم باغچە ۋە مەيدان قۇرۇپ، شەھەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن.

 ئۈمىد قىلىشتىن گۈللىنىشكىچە

كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەم ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ھەم ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان خۇشال - خۇرام ئىشلەش قۇرۇلۇشى.

ئائېرشەن شەھىرىنىڭ يىئېرشى كوچىسى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان يېڭى ئۈمىد مەھەللىسىدە چاڭ جىفېڭ بىر تاللا بازىرى ئاچقان بولۇپ، مال جازىسى تاۋارلار بىلەن لىق تولغان، سودىسى يامان ئەمەس ئىدى. 2014- يىلى كەپىلىك مەھەللىلەر ئۆزگەرتىلگەندە، ئۇ ئورۇنلاشتۇرۇش پۇلىدىن 200 نەچچە مىڭ يۈەنگە بۇ دۇكاننى سېتىۋالغانىدى. چاڭ جىفېڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى ئۆيىمىز بەك كونىراپ كەتكەنىدى، مۇقىم كىرىمىمىز يوق ئىدى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئائىلىمىزدىكىلەرنى يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.» ھازىر، ئۇنىڭ ئائىلىسى يەنە يېڭى ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىۋاپتۇ، بۇ يىل دۇكىنىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.

چاڭشا شەھىرىنىڭ شىمالىي فۇرۇڭ يولىدىكى كەپىلىك مەھەللىدىن كۆچكەن ئاھالە لى بىرۇ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىشەنچكە تولغان ھالدا يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئوغلىنى ئۆيلەش تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزدەك كەپىلىك مەھەللىدىن كۆچكەن ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ، بىز بۇنىڭدىن ھەم تەسىرلەندۇق ھەم مىننەتدار بولدۇق» دېدى لى بىرۇ.

كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ چىڭشەن رايونى چىڭيىجۈ مەھەللىسىدىكى 78 ياشلىق بوۋاي ۋۇ چۈەنفا خۇبېي مەنبەن قوشىقى «بەختكە ئېرىشكەندە كومپارتىيەنى ئۇنتۇمايمىز»نى ئىجاد قىلىپ، ۋۇخەندىكى ئۈچ بازاردا 100 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇپ، پارتىيەنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. بۇلتۇر ۋۇ چۈەنفا يەنە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، بىزدەك كەپىلىك مەھەللىدە ئولتۇرغان ئاھالىلەرنىڭ ياخشى كۈنلىرى بولمايتتى، مەن پارتىيە تەشكىلاتىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمەن».

كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا تەرەققىيات قۇرۇلۇشى بولۇپ، سېلىنما، ئىستېمال ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. 2008 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە تەخمىنەن 9 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە تۈرتكە بولغان ئالاقىدار كەسىپلەرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 2017 - يىلى 20 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

ئائېرشەن شەھىرىنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە تولۇق قاتناشقان مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جاۋ دېچۈەن مۇنداق دېدى: كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار ئامما بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى ھەقىقىي ماھارەتنى يېتىلدۈردى، خەلققە باغلىغان سەمىمىي مۇھەببەت قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى؛ كەپىلىك مەھەللىدىن كۆچكەن ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى، روھىي ھالىتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولدى. «كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش پارتىيە بىلەن ئاممىنى تۇتاشتۇرىدىغان قەلب كۆۋرۈكى سالدى».

ئائېرشەن شەھىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىدىن كۆچكەن 80 ياشلىق ئاھالە بى ديەنخۇا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەرەققىياتنىڭ پايدىسىنى پۇقرالارغا تارقىتىپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، «مېنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر ئارزۇيۇم 100 ياشقىچە ياشاش».

(مۇخبىرلار يۈ چاڭخۇڭ، ئەن لۇمېڭ، ۋاڭ جىڭ، لياۋ جۈن، ياڭ جيەن، ۋاڭ يۇۋلىڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى