تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى زۆرۈر تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش ئارقىلىق كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

يېقىندا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، زور مىقداردىكى پاكىت ۋە تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ قانات يايدۇرغان تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ رېئال ئارقا كۆرۈنۈشى، قانۇن ئاساسى، تەلىم - تەربىيە مەزمۇنى، خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى ئالتە جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ۋە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىدەك قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىل، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچراپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلدى، تەلىم - تەربىيە مەركىزى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ ھەم ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى تەلىم - تەربىيەنىڭ پۈتۈن جەريانىغا كىرگۈزۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ساقلاشقا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ كەسكىن ۋەزىيەت ۋە مۇرەككەپ ئەھۋال ئالدىدا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىشى، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىشىنى توسۇش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىم سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.

تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. تەربىيەلەنگۈچىلەر تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ روھىي كونتروللۇقىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، زامانىۋى بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش يوللىرىغا ئېرىشىپ، مۇئەييەن ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكىنى ئۆگەندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلەش تەلىپىگە يېتىپ تەربىيەلىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى. تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلغا يېقىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى يۈزبەرمىدى، شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى زور دەرىجىدە ئېشىپ، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان. شىنجاڭنىڭ بۇ خىزمەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ باھاسىغا ئېرىشتى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۈنۈملۈك چارە ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلار قوللانغان ئۇسۇل بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئوخشاش، مەقسىتى بىردەك. شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبە ئۈستىدە ئىزدەندى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا تېگىشلىك.

ھازىر، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بايراق روشەن ھالدا، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشايلى!

(2019 - يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى