تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى

جاڭ يۇڭخې

بىر مەزگىل، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، بۇزغۇنچىلىقىغا چوڭقۇر ئۇچراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى خالىغانچە دەپسەندە قىلىندى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىر كۈن يوقىتىلمىسا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تېزدىن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىش ئاساسىدا، مەنبەدىن تۈزەپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ تىنچ، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىر مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئەمەلىيىتىمۇ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئەدلىيەدىكى «بىرلا ھۆكۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق روشەنكى تېررورىزم، ئەسەبىزمگە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى سەۋەبنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ھەم قانۇن بويىچە ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تەربىيەلەپ، قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇ، خەلقنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىق قىممىتىنى قوغدىغانلىق.

شىنجاڭدىكى قىسمەن ئاممىنىڭ ئاسانلا تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ ئىسكەنجىسى ۋە قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ياكى جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلىشنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت دىنىي ئەسەبىزم ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان. نۇرغۇنلىغان ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىگىلىمەسلىك، دۆلەت قانۇنىنى بىلمەسلىك ياكى خاتا ھالدا بۇرمىلانغان دۆلەت قانۇنىنى قوبۇل قىلىش، ئەمگەك ماھارىتىنى ياكى تىرىكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىش جەھەتتە سىجىل كۈچىدى. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تۈپ مەقسىتىگە يەتتى.

شىنجاڭ بىرقىسىم رايون، ناھىيەلەردە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، ھەقسىز كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى غوللۇق ئوقۇتقۇچى، نوپۇزلۇق كەسپىي تېخنىكلارنى سەپلەپ، ئوقۇتۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ بېسىش، دەرس سۆزلەش سىستېمىسى قۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، دەرس ئۆتۈش، ئۆگىنىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەر زامانىۋى بىلىملەرنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتى. قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارى كۈچەيدى، ئۇلارنىڭ بىلىش قاتلىمىدىن تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردىمى بولدى. كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياشاش ئىقتىدارى كېڭەيتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ چىقىرىلدى. تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىسىمۇ بولىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تېررورىزم، ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان مۇھىت، تۇپراق ۋە شارائىت ئۈنۈملۈك تۈگىتىلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى شۇ جاينىڭ جەمئىيەت مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، زامانىۋى ئىلىم - پەن، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىگە ئىنتىلىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئاڭلىق توسۇلدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى. تەلىم - تەربىيەگە قاتنىشىپ تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، قانۇن بىلىملىرى سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، كەسپىي ماھارىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئۇلار ئىلگىرى قايمۇقتۇرۇلغانلىقىنى، خاتا يولدا ماڭغانلىقى، ئىدىيە جەھەتتە نىشاندىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، بۇ تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە بىرقەدەر چوڭقۇر ئۇچرىغان باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتىنى ئوينىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قانات يايدۇرغان تەلىم - تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەريانىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تامامەن شۇنداقلا جەزمەن مەردانىلىك بىلەن بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكار ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

(ئاپتور غەربىي جەنۇب سىياسىي - قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى)

(2019- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى