تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى

لى ۋېنجۈن

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بىرىكمە مۇشتىدىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بىر مەزگىل سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەق - ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى.

ھاياتلىق ھوقۇقى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ھوقۇقى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنى زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار. جۇڭگونىڭ قانۇنلىرى پۇقرالارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىنى قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا - ئىچى سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» دۆلەتنى پارچىلاش سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى. مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك ساداسى ئالدىدا، شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى خەلقئارا تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشنى پائال قانات يايدۇردى. شىنجاڭدا قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىنىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە سىستېمىلىق تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىش تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىشتىن ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتى ۋە ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلىدى.

ساغلاملىق ھوقۇقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ۋە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېكىتىلگەن بىر تۈرلۈك ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق. تىرىشىپ خەلقنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئامما دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىدە، دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىنى يېمىدى، بالىلىرىغا ۋاكسىنا ئەملەتمىدى. ھەتتا بەزىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشىغا يول قويماي، كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش ئەسلىدە ئەقەللىي ساۋات، ئەمما ئىلىم - پەنگە خىلاپ بۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە سەپسەتىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىزمنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ توغرا دىن قارىشى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت قارىشى، ئۆيلىنىش - تۇغۇت قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش قارىشى شەكىللەندۈرۈشكە تەدرىجىي تەربىيەلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى يەنە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلدى، پىسخىك مەسىلھەت بېرىش جەھەتتىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەشكىللەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ۋە يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

تەرەققىيات ھوقۇقى بىر تۈرلۈك مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق. تەرەققىيات ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى تۈگىتىشكە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. تەرەققىيات ھەم نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم شەكلى بولۇپ، باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا شەخسنىڭ ئۆز يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ زۆرۈر جەريانى. چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭ رايونىدا پەيدا قىلغان بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى - تەرۇز قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدە بۈگۈنكى كۈندە دەسلەپكى نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈلدى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

ئىلگىرى بىر قىسىم ئامما دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشنى چەتكە قېقىپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى يوقىتىپلا قالماي، بەلكى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگۈچىلەر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى بىلىم ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش يولىنى كېڭەيتتى؛ قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۆستۈردى؛ كەسپىي ماھارەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ يەنە بىرقىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆز - ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ داۋاملىق ئۆگىنىپ بىلىمىنى ئاشۇردى.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپىنى شىنجاڭنىڭ ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشىدىكى پايدىلىق سىناق، پۈتۈن يەر شارىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇھىم تەجرىبە. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ، ھەم تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ يامرىشى، سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى ۋە مۇستەھكەملىشى كېرەك.

(ئاپتور غەربىي جەنۇب سىياسىي - قانۇن داشۆسىنىڭ لېكتورى)

(2019- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى