تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى

(2019 - يىلى 8 - ئاي)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

مۇندەرىجە

كىرىش سۆز

بىرىنچى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

ئىككىنچى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلدى

ئۈچىنچى، تەلىم - تەربىيەنىڭ مەزمۇنى

تۆتىنچى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

بەشىنچى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

ئالتىنچى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرى ئىزدىنىپ چىقىلدى

ئاخىرقى سۆز

كىرىش سۆز

تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. تېررورىزم، ئەسەبىزمدىن ئىبارەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئىجتىمائىي زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىش، ئادەمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە قىممىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنى تىنچ، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىتتا بەختلىك ياشايدىغان قىلىش − دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى تۈپ ئىدىيەسى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىدۇر.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت تېررورىزم، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، غايەت زور قۇربان بەردى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايون ئۆز دۆلىتى ۋە ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تېررورىزمغا، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرى ۋە چارىلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىل، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. شىنجاڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەلىم - تەربىيە مەركىزى» دېيىلىدۇ)نى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» دېيىلىدۇ)نى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

بىرىنچى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى

تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭدا پەيدا بولغىنىغا ئۇزاق بولدى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 40- يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر «پانتۈركىزم» «پانئىسلامىزم» ئىدىيە ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدا ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتى قۇرۇشقا ئۇرۇندى. خىلمۇخىل «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى جۇڭگونى پارچىلاش غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىپ، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭدىكى سىڭدۈرمىچىلىكى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى پات - پات يۈزبېرىپ تۇردى.

20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يامرىشى كۈچىيىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېغىر، زور ئاپەت پەيدا قىلدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، بېلگىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، مىسىر، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، يېڭى زېلاندىيە، سىرى لانكا قاتارلىق دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھەممىسىدە ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلو(ۋەقە)لىرى يۈزبېرىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە ئېغىر، زور مال - مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا تىنچلىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا قارا كۆلەڭگە تاشلىدى.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1990- يىلىدىن 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدا نەچچە مىڭ قېتىم پارتلىتىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، زەھەر تاشلاش، ئوت قويۇش، ھۇجۇم قىلىش، مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇش، توپىلاڭ پەيدا قىلىش قاتارلىق بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرىنى پىلانلاپ سادىر قىلىپ، كۆپلىگەن بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلغان، نەچچە يۈز نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، زىيانغا ئۇچرىغان مال - مۈلۈكنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇشى مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپتىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئالاھىدە دۆلەت، ئالاھىدە رايون، ئالاھىدە مىللەت، ئالاھىدە دىن، ئالاھىدە جەمئىيەت تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم دۇنياۋى خاراكتېرلىك تېما، شۇنداقلا دۇنياۋى خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلە. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بەزى دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئۈنۈملۈك ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، تېررورىزم، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ كونكرېت يوللىرى ۋە چارىلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرقايسىسىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، پۇقرالىرىنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدار ئەھۋالى قاتارلىقلاردا پەرق بولغانلىقتىن، قوللانغان چارىلىرى ۋە تەدبىرلىرىمۇ ئوخشاش بولمىدى.

شىنجاڭدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرگەن ۋاقتى ئۇزاق، تەسىر دائىرىسى كەڭ، زەھەرلەش دەرىجىسى چوڭقۇر بولغانلىقتىن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرى بىر مەزگىل كۆپ يۈزبەردى، ئۈزۈلمەي يۈزبەردى، دېلوغا چېتىلغان كىشىلەر كۆپ، تەسىرگە ئۇچرىغان ئامما زور بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ساددا دىنىي ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولۇش، تاشقى ئالاقىسى راۋان بولماسلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى چەكلىك بولۇش، ئۇچۇر راۋان بولماسلىق، زامانىۋى پەننىي بىلىملەر كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئوبيېكتىپ ئامىللارنى ۋاسىتە قىلىپ، دىنىي ئەسەبىزمنى تارقاتتى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئەسەبىزمنى دىن بىلەن باغلىۋېلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئامما بىلەن باغلىۋېلىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن باغلىۋېلىپ، زامانغا لايىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇترىتىپ، دىنىي قائىدە ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت قۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر بارلىق زامانغا لايىق قاراش ۋە زامانىۋى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئاتالمىش «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ»نى تەرغىب قىلىپ، ئاتالمىش «كاپىر» «دىندىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر»گە زىيانكەشلىك قىلىپ، شۇ يەرنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئوتتۇرا يول تۇتقان، توغرا ئېتىقادلىق دىنىي زاتلارنى چەتكە قاقتى، زىيانكەشلىك قىلدى، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋەتتى. دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۆپلىگەن ئاممىغا ئېغىر روھىي بويۇنتۇرۇق سېلىندى، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېغىر كاشىلىغا ئۇچرىدى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىدى.

دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا روھىي جەھەتتىن كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قارشى تۇرۇشقا سىجىل قۇترىتىپ، زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى چەتكە قاقتى؛ ئاتالمىش «دىنىي قائىدە» «ئائىلىۋى قائىدە»نى بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، قانۇنلىرىغا قارشى تۇردى؛ «ئاخىرەتنى خۇدا پۈتكەن» دېگەننى تەرغىب قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى رەت قىلىشقا قايمۇقتۇردى. كۆپلىگەن ئامما دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىدى، ئەقەللىي قانۇن بىلىملىرىنىمۇ ھازىرلىمىدى.

دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە كونتروللۇقىدا، نۇرغۇن كىشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، ئەسەبىزم ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتى ياكى قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلدى، مەجبۇرلاندى، قايمۇقتۇرۇلدى، لېكىن قىلمىشى يېنىكرەك بولدى ياكى ئەمەلىي زىيان ئاقىۋىتى كەلتۈرۈپ چىقارمىدى؛ بىر قىسىم كىشىلەر تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىزم جىنايىتى بىلەن جىنايەت بېكىتىلىپ جازالانغان بولسىمۇ، لېكىن دىنىي ئەسەبىزمنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلالمىدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىشىلەر دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زەھىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلىقتىن، نورمال تۇرمۇش بىلەن قانۇننىڭ چەك - چېگراسىنى ئەقلىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولدى، ئەگەر ئۇلارغا قارىتا پائال ئارىلىشىش تەدبىرى قوللىنىلمىسا، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئۇلارغا بولغان ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا سىڭىشىشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.

كەسكىن ۋەزىيەت ۋە مۇرەككەپ ئەھۋالغا قارىتا، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشىدە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىلدى، ھەم دىنىي ئەسەبىزمدىن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەر ئەڭ زور دەرىجىدە تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ قېلىندى. قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە قارىتا سىستېمىلىق تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىش زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىشى، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىشىنى توسۇش، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، يەنە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.

ئىككىنچى، قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى

شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇلى، ھەم دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھىغا ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى.

شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق قانۇن، قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دىن ئىبارەت ئىككى يەرلىك نىزامنى تۈزدى ھەم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈردى.

جۇڭگو قانۇنلىرىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە جىنايى قىلمىش پەرقلەندۈرۈلگەن ھەم ئوخشاش بولمىغان قانۇن ئىجرا قىلىش ئەدلىيە سۇبيېكتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش كونكرېت قىلمىشى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش كونكرېت قىلمىشىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەزىلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرىي ئورگانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن جازالايدۇ؛ بەزىلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلەپ تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىدۇ؛ بەزىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، سوت ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ جىنايەت بېكىتىپ جازا ھۆكۈم قىلىدۇ.

تېررورىزم، ئەسەبىزم قانۇنغا خىلاپ كونكرېت جىنايەت دېلولىرىدا، قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە، كونكرېت قىلمىشلار ھەم ھەقدارلارنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ، تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلەپ، سوت ئورگانلىرى جىنايەت بېكىتىپ جازا ھۆكۈم قىلغاندىن سىرت، بەزى دېلولارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق مەمۇرىي ئورگانلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، بەزى دېلولارغا تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىدۇ. بۇ ئوخشاش بولمىغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى دەل دۆلەتنىڭ كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتى ۋە تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو قانۇنلىرىدا ۋە يەرلىك نىزاملاردا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە، ئەسەبىزم ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان كىشىلەرگە قارىتا، يەنە ياردەم بېرىپ تەربىيەلەش، ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش قاتارلىق تەدبىرلەر بەلگىلەنگەن.

شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، ياردەم بېرىپ تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ھازىر تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كىرگەن تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۈچ تۈرلۈك: بىرىنچى تۈردىكىلەر، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە، ئەسەبىزم ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، قايمۇقتۇرۇلغانلار ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتىگە، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئەھۋالى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن كىشىلەر. ئىككىنچى تۈردىكىلەر، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە، ئەسەبىزم ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، قايمۇقتۇرۇلغان ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتىگە، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان، رېئال خەۋپ - خەتىرى بولغان، تېخى رېئال خەۋپ - خەتەر ئاقىۋىتى پەيدا قىلمىغان، سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى چوڭقۇر بولمىغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈر بولمىغان ياكى جىنايى جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغان، ئۆز رازىلىقى بىلەن تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر. ئۈچىنچى تۈردىكىلەر، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىزم جىنايىتى بېكىتىلىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى باھالاش ئارقىلىق يەنىلا جەمئىيەتكە خەۋپ - خەتىرى بار دەپ قارالغان، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قارار قىلىپ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تەربىيەلەنگەن كىشىلەر. بىرىنچى، ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 29 - ماددىسى، 30 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ياردەم بېرىپ تەربىيەلىنىدۇ ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تەربىيەلىنىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەرگە قارىتا كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن جىنايى ئىشلار سىياسىتى بويىچە، ئاز ساندىكىلەرگە زەربە بېرىلىپ، كۆپ ساندىكىلىرى قۇتقۇزۇۋېلىنىدۇ، جىنايىتىنى تونۇغان، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، ئۆز رازىلىقى بىلەن تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر قانۇن بويىچە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىلغاندىن كېيىن ئۇلار ياردەم بېرىلىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ كونكرېت قانۇن تەرتىپى − ئالاقىدار ئورگانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، نىزام، بەلگىلىمىلەر بويىچە، مۇناسىۋەتلىك قىلمىشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەھۋالىنى بېكىتىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ياردەم بېرىلىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تەھقىقلىنىپ، تەپتىش ئورگانلىرى قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ياردەم بېرىلىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ئۈچىنچى تۈردىكى كىشىلەر جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش خەۋپى بار دەپ باھالانغانلىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان كىشىلەرگە «مەركەزلىك تەربىيەلەش، ياتاقلىق تۈزۈمدە ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت جەريانىدا تەربىيەلەش» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەقسىز كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەمدە تەربىيەلەنگۈچىلەر باھالاشتا ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن، تەربىيەنى تاماملاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ياردەملىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىمۇ بولىدۇ.

شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئالاقىدار ئەھدىنامە، تەشەببۇستا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئاساسىي پىرىنسىپقا ئۇيغۇن. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللايدۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە باشقا خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ پىرىنسىپى، مىزانىغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا دائىر بىر قاتار قارارلارنى قوللايدۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (60/288)نىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. ھازىر، جۇڭگو «تېررورىزملىق پارتلىتىشنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» «تېررورىزمغا مەبلەغ ياردىمى بېرىشنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» «يادرو تېررورلۇق ھەرىكىتىنى چەكلەش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» «تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىلىرىگە قاتناشتى. ئۇلاردىن سىرت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن «تېررورىزمغا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش شاڭخەي ئەھدىنامىسى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىزمگە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش تەسەۋۋۇرى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىزمگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا، بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىزمگە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىش بويىچە 2019 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق پىروگراممىسى» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ۋە تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تۈزدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «زوراۋان ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»(70/674) دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلىق، ئىشسىزلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كەمچىل بولۇش ۋە تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش ھەمدە زوراۋان ئەسەبىزم تەشكىلاتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئۇرۇقداشلىق پەرقى ۋە سىياسىي ئىدىيە سىستېمىسىنى خالىغانچە بۇرمىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن خالىغانچە پايدىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەر زوراۋان ئەسەبىزمنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبى. ھەرىكەت پىلانىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: زوراۋان ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جەزمەن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىپ، بالدۇرراق قول سېلىپ، زوراۋان ئەسەبىزمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى تۈگىتىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋان ئەسەبىزمگە ماسلىشىپ زەربە بېرىش كېرەك. ھەرىكەت پىلانىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سىياسىتى بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاپ، بارلىق شەكىلدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىپ، سۈپەتلىك مائارىپقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك؛ زوراۋان ئەسەبىزم تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقان كىشىلەرنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى زوراۋان ئەسەبىزم تەشكىلاتىدىن قول ئۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ ياشلارنى داۋاملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى، كەسپىي تەربىيەلىنىش بايلىقى، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش دەل جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشەببۇسى ھەم ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

ئۈچىنچى، تەلىم - تەربىيەنىڭ مەزمۇنى

دىنىي ئەسەبىزمنىڭ يامرىشى، تارقىلىشى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قىسىم رايون، ناھىيەلەردە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەكتەپ خاراكتېرىگە ئىگە. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى، قانۇن - بىلىملىرىنى، كەسپىي ماھارەتنى ئۆگىنىش ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان ئوقۇتۇش دەرسلىكى تەسىس قىلدى.

تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا ئومۇميۈزلۈك سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يېتەرلىك ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن ئاساسى بار. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى»دا بىردەك ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكى كاپالەتلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى»دىمۇ دۆلەت پۈتۈن مەملىكەتتە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ، پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ھوقۇقى بار، دۆلەت پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئاساسىي قانۇندا پۇقرالارغا بېرىلگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشتىكى ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن دەرسلىكنى قوللىنىپ، ئادەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى بويىچە، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈردى. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش، سىرتقا چىقىپ سودا قىلىش - ئىشلەمچىلىك قىلىش، باشقا مىللەت ئاممىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، زامانىۋى تۇرمۇشقا ماسلاشقان تىل قورالىغا ئىگە قىلىش، ھەرگىزمۇ ئۆز مىللىتى تىل - يېزىقىنى قوللىنىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ياكى ئۇنى چەكلەش ئەمەس.

تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، قانۇن بىلىملىرى دەرسلىكى تەسىس قىلىندى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا قىلدى. سودىيە، تەپتىش، ئادۋوكات قاتارلىقلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆيلىنىش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملار توغرىسىدا دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ ھوقۇق، مەجبۇرىيىتىگە بولغان تونۇشى كۈچەيدى، ئۇلار باراۋەر بەھرىلىنىش ھوقۇقى، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش قارىشىنى تۇرغۇزدى، ئاڭلىق ھالدا دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بويىچە ئىش قىلدى.

تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتى كەمچىل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتىغا ئاساسەن، كىيىم - كېچەك، ئاياغ - باش كىيىمى پىششىقلاش، يېمەكلىك پىششىقلاش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش، بەت ياساش - بېسىش، پەرداز قىلىش - چاچ ياساش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى، بىناكارلىق بېزەكچىلىكى، مال چارۋا باقمىچىلىقى، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش، ساغلاملىق بويىچە ئۇۋۋلاش، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ياساش، گۈل تىزىش، گىلەم توقۇش، رەسىم سىزىش، ساز چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق تەربىيەلەش دەرسلىرىنى تەسىس قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئارزۇسى بار، شارائىت ھازىرلىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كۆپ خىل ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن بىر - ئىككى كەسپىي ماھارەتنى بىر قەدەر پىششىق ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى دەرس ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلاتنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ئەمەلىي تەربىيە مەشغۇلاتى ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى بولۇپ، زاۋۇتلاردا ئىشلەش ئەمەس، كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىق ئەمەس، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەمەس.

تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ۋە كونتروللۇقىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچراش مەسىلىسىگە قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى تەلىم - تەربىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى. قانۇن - نىزام، مىللەت - دىن سىياسىتى ۋە دىن بىلىملىرىنى باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆگىتىش ئارقىلىق، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىنى ئېچىپ تاشلاپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە دۆلەتنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەتتى، نېمىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت، نېمىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، نېمىنىڭ دىنىي ئەسەبىزم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ دىنىي ئەقىدىلەرگە تامامەن خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۈرۈپ، تىرىشىپ تەربىيەلەنگۈچىلەرگە تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر زىيىنىنى ئېنىق تونۇتتى، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدۇردى. تەلىم - تەربىيەدە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئەزەلدىن ئارىلىشىۋېلىنمىدى، ھەرگىزمۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىدىغان ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلمىدى.

تۆتىنچى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پىرىنسىپ، ھەم جۇڭگونىڭ تۈرلۈك قانۇن - تۈزۈملىرىدە ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانات يايدۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەردە تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە قوللانغان بىر تۈرلۈك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان. تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەشكە قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەرگىزمۇ قانداقتۇر جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش، ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىش تەدبىرى بولماستىن، بەلكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قوللانغان مۇھىم تەدبىر، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەدبىر.

جۇڭگو قانۇنىدا رايون، مىللەت، دىن قاتارلىقلارنى باھانە قىلىدىغان ھەرقانداق كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ئۇسۇل مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، بۇ بەلگىلىمە شىنجاڭدا ھەقىقىي ئىجرا قىلىندى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ياكى جىنايى قىلمىشىنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇش ئوبيېكتىنى بېكىتىشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلدى، ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق رايون، تەۋە بولغان مىللەت ۋە ئېتىقاد قىلىدىغان دىن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق.

تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش جەريانىدىكى جىسمانىي ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كىشىلىك قەدىر - قىممەت جەھەتتىن ھاقارەتلەش ۋە خورلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ياتاقلىق تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆيىگە قەرەللىك قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىيالايدۇ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ خەت - ئالاقە قىلىش ئەركىنلىكى بار.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈملىرى، دەرس جەدۋىلى، تاماق تىزىملىكى قاتارلىقلاردا بىردەك دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى قوللىنىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. «دىن ئىشلىرى نىزامى»دا: دىنىي مەكتەپلەردىن باشقا مەكتەپلەر ھەم باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ دىن تارقىتىشى، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى، دىنىي تەشكىلات قۇرۇشى، دىنىي پائالىيەت سورۇنى تەسىس قىلىشى چەكلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. تەلىم - تەربىيە مەركىزى باشقۇرۇش جەھەتتە تەربىيە بىلەن دىننى ئايرىۋەتتى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ، لېكىن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆيگە قايتقاندا قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىش - قاتناشماسلىقىنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلسا بولىدۇ.

تەلىم - تەربىيە مەركىزى قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى، يېتەكچى، دوختۇر ۋە ئارقا سەپ مۇلازىمىتى باشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىقلارنى سەپلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ نورمال ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئۆي ئىچىدە قىشتا پار، يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچ بار، ياتاقتا تېلېۋىزور بار، مۇنچا تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. داۋالاش ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر كۈنى 24 سائەت ھەقسىز تۈردە تەربىيەلەنگۈچىلەرنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كىچىك كېسەللەر داۋالاش ئۆيىدە دىياگنوز قويۇلۇپ داۋالىنىدۇ، ئېغىر كېسەللەر، جىددىي كېسەللەر تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاپ ساقايتىلىدۇ.

تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تولۇق ھۆرمەت قىلدى، زال ئىچى - سىرتى تەنتەربىيە، مەدەنىيەت پائالىيەت سورۇنلىرى بار بولۇپ، دائىم مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كىتاب ئوقۇش ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشى، ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىلغان. قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇن قاتلىمىدىكى قىيىنچىلىقى ۋە گۇمانىي مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. پىسخىكا مەسلىھەت بېرىش ئۆيى تەسىس قىلىپ، پىسخىكا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلدى. بارلىق تەربىيەلەنگۈچىلەر بىردەك كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن بولدى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە ھەقسىز قاتناشتى.

تەلىم - تەربىيە ئېلىۋاتقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەلىم - تەربىيە ئېلىۋاتقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە قارىتا ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ - داۋالىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى باراۋەر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇردى.

بەشىنچى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى

شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. تەلىم - تەربىيەگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، كىرىدۇ ھەم چىقىدۇ. تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى تەربىيەلەش تەلىپىگە يېتىپ تەربىيەلىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

− تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆستى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ئۆسۈپ، دۆلەت پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەزمەن دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ يەتتى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارى ئۆستى. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولۇپ، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندا ئاڭلاپ چۈشىنىش، ئالاقىلىشىش، ئوقۇش، يېزىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى. تەربىيەلەنگۈچىلەر كەسپىي ماھارەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق كۆپ ساندىكىلىرى بەلگىلىك ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ماھارەتنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ئۆستى. كۆپ تۈركۈمدىكى تەربىيەلەنگۈچى ئۆلچەمگە يېتىپ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى، بەزىلىرى زاۋۇتلاردا ياكى باشقا كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، يەنە بىر قىسىملىرى ئۆز - ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ داۋاملىق ئۆگىنىپ بىلىمىنى ئاشۇردى.

− دىنىي ئەسەبىزم ئۈنۈملۈك يوقىتىلدى. ئۆگىنىش ئارقىلىق، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ روھىي كونتروللۇقىدىن قۇتۇلدى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى روشەن كۈچەيدى، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى روشەن ئۆستى. كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچى دىنىي ئەسەبىزمنىڭ دىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى روشەن كۈچەيدى.

− جەمئىيەت كەيپىياتى روشەن ياخشىلاندى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشى جەريانىدا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرار جاي، يۈرۈش - تۇرۇش، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - مۇراسىم، ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە زامانىۋى جەمئىيەت تەرەققىياتى تەلىپىگە ماسلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەم زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كونا قائىدە - يوسۇن، ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇردى. تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئاكتىپ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت كەيپىياتى روشەن ياخشىلاندى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، ناچار كەيپىيات ئازايدى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق توسۇلدى، زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرى، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىگە ئىنتىلىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى.

− ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەت سىجىل مۇقىم بولدى. تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلغا يېقىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى(ۋەقەسى) يۈزبەرمىدى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى روشەن ياخشىلاندى، مىللەتلەر باراۋەر - ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق - رايىش بولۇپ، خەلق تىنچ - ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2018 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى زور دەرىجىدە ئاشقان، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر 2 مىليون 626 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.83 ئاشقان. 2019- يىلى 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر 75 مىليون 893 مىڭ 500 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى.

− ھەر مىللەت خەلق ئومۇميۈزلۈك قوللىدى. تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەر تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، تەلىم - تەربىيەنىڭ ئۇلارنى «تېررورلۇق جىنايىتىنى سادىر قىلىشقا قاراپ ماڭغان يولدىن توغرا يولغا قايتۇرغانلىقى»غا، «دىنىي ئەسەبىزمنىڭ مەنىۋى بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغانلىقى»غا رەھمەت ئېيتتى. تەلىم - تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تىنچلىقى، ئىناقلىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. نۇرغۇن كىشىلەر شۇنى ھەقىقىي ھېس قىلدىكى، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى زور ياخشى ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىگەن، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى بولمىسا بۈگۈنكى تىنچ - مۇقىم تۇرمۇش بولمايتتى.

− خەلقئارا جەمئىيەت ئاكتىپ باھا بەردى. شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. 2018- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاساسلىق دىپلوماتلىرى ھەمدە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلىرى قاتارلىق 40 نەچچە تۈركۈم (ئۆمەك، گۇرۇپپا) بولۇپ، 1000غا يېقىن كىشى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، زىيارەتتە بولدى. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن كىشى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكى، زۆرۈرلۈكى، قانۇنلۇقلۇقى، مۇۋاپىقلىقىنى چۈشەندى. ئۇلار بەس - بەستە شۇنى بىلدۈردىكى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بولۇپ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىغان ئاشۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدى، شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ئىنتايىن ئۆرنەك ئېلىش قىممىتىگە ئىگە. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشىشى 46 - قېتىملىق يىغىنىدا قارار ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئالقىشلىدى.

شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلغان بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بەس - بەستە خەۋەر - ماقالە ئېلان قىلىپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستان «رىياد گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى «شىنجاڭ − جۇڭگو <بىر بەلباغ، بىر يول>ىنىڭ دەرۋازىسى» تېمىلىق ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلدى.» «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، بايرام، توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرى بىر قاتار سىياسەت ۋە نىزاملارنى تۈزدى.» «شىنجاڭدا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاش ياكى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىزچىل سىياسىتى».

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى، مىسىر «ئەلئېھرام كەچلىك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىنىڭ «جۇڭگو تەربىيەلەش ۋە قايتا تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىزمغا تاقابىل تۇردى» تېمىلىق خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆپ خىل ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوللانغان ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى پايدىلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.» «شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاشۇ ياشلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى قايتىدىن جەمئىيەتكە سىڭىش ھەم توغرا يولدا مېڭىش، تېررورىزمنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن يىراق تۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر.» تۈركىيە DHA مۇنداق بىلدۈردى: تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئادىمىيلىك جەھەتتىن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تەمىنلىدى، مەركەزدە خورلاش قىلمىشلىرى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش يوق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك. زىيارەت مەزگىلىدە، كۆرگەن - ھېس قىلغانلىرىمىز ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تەشۋىق قىلغان سەلبىي مەزمۇن بىلەن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قوش ئۆلچىمىنىڭ ياۋۇزلۇقى، يولسىزلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

ئامېرىكا «خەلقئارا فوكۇس» ژۇرنىلىنىڭ 2019- يىلى 5- ئايلىق سانىدا «جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سەپەر» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق كۆرسىتىلگەن: قەشقەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئىنتايىن تەرتىپلىك بولۇپ، نۇرغۇن ياشلار ئىلگىرى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىدى، ھازىر كەسپىي ماھارەت ئۆگەندى، بەزىلەر ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى تىرىكچىلىك قىلىش ۋاسىتىلىرىنى ئۆگەتتى. ئۇلارنىڭ ئوزۇقى ياخشى، تۇرمۇش شارائىتىمۇ ياخشى. مۇخبىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرقانچە كىشى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلار ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى خۇشال كۆرۈنىدۇ. بەزىلەر بەلكىم بۇ ياشلار مەجبۇرلانغان دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمما خۇشاللىققا ساختىلىق قىلغىلى بولمايدۇ.

2019- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى، سىنگاپور «دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ھېكايە» دېگەن بىر ماقالىدە، شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللار، ھەمدە كۆپلىگەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئۆزگىرىشلىرى جانلىق تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان: گۇمانلىنىشقا بولمايدۇكى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇسۇلى مول نەتىجە - ئۈنۈمگە ئىگە بولغان. مۇخبىرنىڭ تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ئەسەبىي سىن ۋە تەشۋىقات كىتابلار تەرىپىدىن رادىكاللىشىپ كېتىش كەچۈرمىشى بولغان. تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ كەيپىياتى خۇددى بىر ياتاقلىق مەكتەپكە ئوخشايدىكەن. مۇخبىر ھۆكۈمەتنىڭ نامرات ئاممىغا ئۆي سېلىپ بەرگەنلىكىنى، شۇ جايدىكى بازارلارنىڭ ئاۋاتلىقىنى، ئاممىنىڭ ھەر خىل داۋالىنىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، مىللىي ناخشا - ئۇسسۇل ئويۇنلىرىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شۇ رايوننىڭ مەدەنىيىتىنى باسمايلا قالماي، تېخى يەنە يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى قاتارلىق تەرەپلەردە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نۇرغۇن ئالاھىدە سىياسەتلەرنى بەرگەن.

ئالتىنچى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرى ئىزدىنىپ چىقىلدى

كۆپ يىلدىن بۇيان، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامرىشىدىكى تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، ھەم پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

بەزى دۆلەتلەر «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەركىزى» تەسىس قىلىپ، ئەسەبىزمدىن يۇقۇملانغان كىشىلەر توپىنى بىر مەزگىللىك تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ، يەككە ياكى كوللېكتىپ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، دىن ئەمەلىيىتى ۋە زامانغا لايىق مۇنازىرىنى قىستۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پىسخىكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھەم ماھارەت ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قايتىدىن جەمئىيەتكە سىڭدۈردى. بەزى دۆلەتلەر «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزى» تەسس قىلىپ، ئەسەبىيلەرنى ئۆزىنى مەلۇم قىلغۇچى، يوشۇرۇنۇۋالغۇچى، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچى دېگەن ئۈچ تۈرگە ئايرىپ، ئائىلىگە، مەھەللىگە تايىنىپ، ھەم روھىي جەھەتتىن ئارىلىشىپ داۋالاش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. بەزى دۆلەتلەر تۈرمە ۋە مەھەللىدىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن تېررورچىلار شۇنداقلا خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا قارىتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، پەرقلەندۈرۈش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا تەربىيەلەش، جەمئىيەتكە قايتۇرۇش، باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تېررورلۇققا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرگە قارىتا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. بەزى دۆلەتلەر ئەسەبىيلەرنىڭ ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى خاتا چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، دىننىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشىغا ئىلھام بېرىپ، «مۆتىدىل ئىسلام»غا قايتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركىزىنى تەسىس قىلىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ۋە جەمئىيەتكە قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ ئارقىلىق ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە قارىتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. بەزى دۆلەتلەر «ئۆزگەرتىش ۋە ئايرىۋېتىش» تۈرىنى قوزغىتىش ئارقىلىق، ئىلگىرى تېررورلۇققا چېتىشلىق كىشىلەر ۋە دۆلەتكە قايتقان تېررورلۇق جىنايەت گۇماندارلىرىدىن تەربىيەلەشكە جەزمەن قاتنىشىشىنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلدى، ھەم مەملىكەت بويىچە ئايرىۋېتىش مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئەسەبىيلەرنى قاماشقا ئىشلەتتى، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تۈرمىدىكى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا كىشىلەرگە يۇقتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى. بەزى دۆلەتلەر مەھەللىدە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە قارىتا دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئارىلىشىش ئېلىپ باردى، ھەم جەمئىيەت سەپەرۋەرلىكى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالدۇر بايقىدى ھەم ياشلارنىڭ ئەسەبىيلىك تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىش غەرىزىنى توسۇپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم قىلمىشلىرى يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ قۇتۇلدۇردى، بۇ، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلار قوللانغان ئۇسۇل بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت − بىخ ھالىتىدە توسۇپ، كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.

شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.

− شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ئەسەبىيلىكنى تۈگەتتى. شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىسىدىن پائال ئۆرنەك ئېلىپ ھەم رايون ئەھۋالى ۋە دۇچ كەلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى كونكرېت ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە قارىتا قاراتمىلىق ھالدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىپ، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى، شۇنداقلا دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىش مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

− زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇردى. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمگە قارىتا يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلىدى؛ بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇپ، تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئاساس قىلدى. تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، لېكىن جىنايىتى يېنىكرەك بولغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، قۇتقۇزۇۋېلىپ، قوغداپ، ئىتتىرىش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى تارتىش ئۇسۇلى بىلەن، قاتتىق جازالاش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن، تاشلىۋېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆيۈنۈش ئۇسۇلى بىلەن ياردەم بېرىپ تەربىيەلەپ، ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان قىلدى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىگىلەتتى، ھەم مۇئەييەن بىلىم، مەدەنىيەت ۋە ئەمگەك ماھارىتىنى ھازىرلىتىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپ، كىشىلىك قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغۇزدى.

− قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇردى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە مۇھىتىنى يوقىتىپ، باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ باردى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە، باشتىن - ئاخىر پاكىتنى ئاساس قىلىش، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايون، مىللەت، دىن بىلەن باغلىۋالماسلىقتا چىڭ تۇرۇلدى.

− كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇردى. تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ھەم ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى ھەم دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بولغان كىشىلەر ئەڭ زور دەرىجىدە قۇتقۇزۇۋېلىندى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، ئادىمىيلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر قانداق شەكىلدە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتىنى ھاقارەتلەش ۋە خورلاشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈردى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقى ۋە كۆپ خىللاشقان ماھارەت تەربىيەسى بىلەن تەمىنلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.

− ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇردى. خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، مال - مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقىنى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچراتماي، ئۇلارنى تىنچ، ئىناق بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش − بىر مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە تەربىيەلەش قۇتقۇزۇۋېلىش ئېلىپ بېرىشتا، سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتتى. تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن ئىجتىمائىي ھەققانىيلىق ياقلاندى، ئادەمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى قوغدالدى، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى ئوبرازى تىكلەندى.

ئاخىرقى سۆز

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى. بۇ ئۇسۇل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشىدىكى ئاساسىي روھ ۋە ئاساسىي پىرىنسىپقا تامامەن ئۇيغۇن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن.

شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت − تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنى مەنبەدىن يوقىتىش، بۇ كىشىلىك ھوقۇققا تامامەن ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەدبىر. خەلقئارادىكى بىر قىسىم باشقىچە نىيىتى بار كىشىلەر ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە يوشۇرۇن مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ. خەلقئارادىكى بەزى دۆلەت، تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا تېررورىزم، ئەسەبىزمنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق، يول قويغانلىق بولۇپ، خەلقئارا ئەخلاققا ۋە ئىنسانىي ۋىجدانغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، بۇنىڭغا بارلىق ئاق كۆڭۈل ۋە ھەققانىيلىقنى ياقلايدىغان كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ.

تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئېغىر زىيانكەشلىكى ئالدىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىر دۇنياۋى قىيىن مەسىلە ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن، خەلقئارادىكى تەجرىبىلەر ۋە ئۇسۇللاردىن پائال ئۆرنەك ئېلىپ، تەلىم - تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئۇسۇلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق.

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ يەنىلا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك جايلىرى بار، يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭ ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (60/288) ۋە «زوراۋان ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى» (70/674) قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى