تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇھەببەت يەتكۈزۈش  مۇھەببەت ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش

− تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئىدىقۇت يولى كوچا باشقارمىسى گۇڭجيەن يولى مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پاتىگۈل مەمەت توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

پاتىگۈل مەمەت بىكار تۇرمايدىغان ئايال، ئۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئىدىقۇت يولى كوچا باشقارمىسى گۇڭجيەن يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خىزمىتى ئەسلىدىنلا ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزىگە «ئىش تېپىپ» قىلاتتى. خىزمەتتىن سىرت، ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بار − ئۇ مەھەللىدىكى ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى.

8- ئاينىڭ 1- كۈنى، پاتىگۈل ئەتىگەندىلا پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ 20دىن ئارتۇق ئەترەت ئەزاسى بىلەن يىغىلىپ، مەھەللە ئەتراپىدىكى قىسىمغا بېرىپ جەڭچىلەرنى يوقلاپ كېلىشكە تەييارلاندى. «بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسىلا، بىز ھەممىمىز قىسىمدىكى جەڭچىلەرنى يوقلاپ بارىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۈگۈن ئۇلارنىڭ بايرىمى» دېدى پاتىگۈل.

 پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىر كەسىپ

«مۇنداقچە ئېيتقاندا، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى باشلىغان ۋاقتىم تېخىمۇ بالدۇرراق، مەن تېخى مەھەللىدە ئىشلىمىگەن ۋاقتىمدىلا، ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتناشقانىدىم. ھازىر، مەيلى خىزمىتىم قانچىلىك ئالدىراش بولسۇن، ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، ھەربىي بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئورنىتىدىغان بۇ كەسىپتىن ۋاز كەچكۈم يوق» دېدى پاتىگۈل.

ئۇ چاغلاردا، ھەر قېتىملىق بايرامدا ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى نەرسە - كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇلارغا ياردەملىشىپ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، يوتقانلىرىنى تىكىپ بېرەتتى، بەزىدە يەنە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزەتتى، بۇ، قىسىمدىكى ئاشۇ يىراقتىن كەلگەن كوماندىر - جەڭچىلەرگە «ئانا» كەبى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدى. پاتىگۈل بىرىنچى قېتىم قىسىمغا ئىللىقلىق يەتكۈزگىلى بارغاندا، يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى كەسىپ قىلىشقا ئىرادە باغلىغانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پاتىگۈل ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولدى، مۇلازىمەت ئەترىتىمۇ ئەڭ دەسلەپكى ئون نەچچە كىشىدىن ھازىرقى 168 كىشىگە تەرەققىي قىلدى، «ئانا»لاردىن سىرت، يەنە ياش قىزلار، يىگىتلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پىدائىيلىرىمۇ بار بولۇپ، مۇلازىمەت ئوبيېكتىمۇ ئەتراپتىكى قىسىمدىن مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيدى.

جۇ رۇڭتىڭ ئەر - خوتۇن ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ بالىسى يېنىدا بولمىغاچقا، مۇلازىمەت ئەترىتى دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ مۇڭدىشاتتى، كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالاتتى. «مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى بالىلار بىزنى بەك تەسىرلەندۈردى، بىزنىڭ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ، ھەمىشە بىزگە ئۇنى - بۇنى ئەكىلىپ بېرىدۇ، بىزگە ئۇنى - بۇنى قىلىشىپ بېرىدۇ. ئۇلار بولغاچقا، بىزنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىمىز مۇشۇنداق بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى جۇ رۇڭتىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

 ئاھالىلەر خىزمىتىدە كىچىك ئىش يوق

«ئالدىراشلا يۈرۈيدۇ» − بۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاتىگۈلگە بەرگەن باھاسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھامان تۈگىمەيدىغان ئالدىراش ئىشلىرى بار. «كەسىپنى قەدىرلەيدۇ» − بۇ، خىزمەتداشلىرىنىڭ پاتىگۈلگە بەرگەن بىردەك باھاسى بولۇپ، ھەرقانچە كۆپ خىزمەتنىمۇ ئۇ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. 19 يىللىق مەھەللە خىزمىتى پاتىگۈلگە ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنى بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان قىلدى.

«پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» پاتىگۈلنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن خىزمەت مىزانى، دەل شۇنداق بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنى ئۇ ھامان پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىدۇ. ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، قايسى ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق بولسا، پاتىگۈل كۆڭلىگە پۈكۈپ قويىدۇ؛ مەھەللىدىكى قىسمەن يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلمىغاچقا، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى قولايسىز ئىدى، ئۇ تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ مۇراجىئەت قىلىپ تۈر، پۇل تېپىپ بۇنى ھەل قىلدى؛ بەزى تار كوچىلاردا ئىزچىل يۇندى يولى يوق ئىدى، ئۇ يەنە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن پائال ماسلىشىپ ھەل قىلدى.

«مەن مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاھالىلەر ماڭا ئىشەنگەچكە ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ماڭا ئېيتىدۇ، مەن جەزمەن ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك، بىر پارتىيە ئەزاسى، بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مېنىڭ جەزمەن ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمىتىم» دېدى پاتىگۈل.

پاتىگۈل مەھەللىنى ئۆيى دەپ بىلىپ، 19 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇردى. يەنە دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇ ئاھالىلەر ئارىسىغا «كىرگەن» «سىرداش»قا ئايلاندى.

 چىن ھېسسىيات بەدىلىگە مول نەتىجىگە ئېرىشىش

كۆپ يىللاردىن بۇيان، پاتىگۈل تەۋەلىك رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرگە 800دىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، 286 زىددىيەت، تالاش - تارتىشنى مۇرەسسە قىلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن «جۇڭگودىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش»تىكى يىللىق شەخسلەر بويىچە «تاللىنىش مۇكاپاتى»، تۇرپان شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدە شەرەپلەرگە ئېرىشىشىنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەتئىي قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالالمىدىم، ئەمما ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ خىزمىتىم ۋە كەسپىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئېرىم ماڭا ياردەملىشىپ ئۈن - تىنسىز ھالدا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ قويىدىغان بولدى، قىزىم تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە كېلىپ ياردەملىشىدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ قوللىشى مېنىڭ چىڭ تۇرۇشۇمدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» دېدى پاتىگۈل ئائىلىسىدىكىلەر توغرىسىدا توختىلىپ كۆزىگە ياش ئېلىپ.

«مېھىر - مۇھەببەت» ۋە «تۆھپە قوشۇش»نىڭ تەسىرلەندۈرۈشىدە، ياردەمگە ئېرىشكەن نۇرغۇن ئاھالە ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىشنى بەس - بەستە تەلەپ قىلدى. ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان باھارگۈل ئىسمايىل ئاچا - ئىنى ئىككىسى پاتىگۈل ۋە ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى، ھازىر تۇرمۇشى غەمسىز ئۆتۈۋاتقان ئاچا - ئىنى ئىككىسى ھەمىشە مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ؛ ما گۈيخۇانىڭ ئانىسى مېيىپ بولۇپ، ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياردەملىشەتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ما گۈيخۇا بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت ئەترىتىگە كىرىپ ياردەمگە موھتاج تېخىمۇ كۆپ ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ما گۈيخۇا ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى ئاساسىي كۈچنىڭ بىرى بولۇپ قالدى... مەھەللە ۋە ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، بۈگۈنكى گۇڭجيەن يولى مەھەللىسى ئىتتىپاق، ئىناق چوڭ ئائىلىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى