تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى يەنىمۇ ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي شەكىللىك مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قانۇنچىللىقنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۇراقلاشتۇرغۇچ، مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش نىشان ئارقىلىق شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنچىللىقنى يېتەكچى قىلىش، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»گە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئىشەنچ بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزام چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىش خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتكوم بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە ھەرقايسى تەرەپ ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەمدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىشى، كومىتېتنىڭ ھەرقايسى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆز ساھەسىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەممە كىشى قانۇنچىللىقنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھەممە كىشى قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىدىغان، ھەممە كىشى قانۇنچىللىقنى قوغدايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.