«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماقالىسى ئېلان قىلىندى
شىنجاڭ ياخشى جاي
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىققان 16- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئىزدىنىش تەھرىراتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى يازغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تومۇز مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا مېۋە - چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن، كۆپكۆك ئاسماندا قۇياش نۇرى جۇلالىنىپ، ھەممە جاي ئىناقلىق ۋە ئاۋاتلىققا تولىدىكەن. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بارغانلىكى جايدا، شەھەر تەرەققىياتىدا گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈلگەن، يېزا - كەنتلەر، چارۋىچىلىق رايونلىرى يېپيېڭى تۈسكە كىرگەنىدى. ھاۋا ئوتتەك قىزىق بولسىمۇ، بەختلىك، خاتىرجەم تەبەسسۇملارنى ھەر جايدا كۆرگىلى بولاتتى، ھەممىلا جايدا ھاياجانغا تولغان لەرزان ناخشا - ئۇسسۇللار كۆزگە چېلىقاتتى. يەرلىك خەلق ئاممىسى، كېلىپ - كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى چىن كۆڭلىدىن ئاپىرىن ئېيتىپ: شىنجاڭ ياخشى جاي! دەپ تەرىپلەشتى. ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان چېگرا رايونىدا، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ھەيۋەتلىك سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىۋاتاتتى.
شىنجاڭدا ياشاش كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ، شىنجاڭ بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ياخشى جاي!