تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ پېڭ، چياڭ لىجىڭ)گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلدى، تەلىم - تەربىيەنىڭ مەزمۇنى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەجرىبىلىرى ئىزدىنىپ چىقىلدى، ئاخىرقى سۆز قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىل، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. شىنجاڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى. بۇ خىل ئۇسۇل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشىدىكى ئاساسىي روھ ۋە ئاساسىي پىرىنسىپقا تامامەن ئۇيغۇن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت − تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنى مەنبەدىن يوقىتىش، بۇ كىشىلىك ھوقۇققا تامامەن ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەدبىر.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (60/288) ۋە «زوراۋان ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى» (70/674) قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى