تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا زور مىقداردىكى پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئىشلىتىلىپ، شىنجاڭدا قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە پايدىلىق تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە مۇھىم تۆھپىسى نامايان قىلىنىپ، بىر قىسىم غەرب كۈچلىرىنىڭ قارا چاپلاپ، تۆھمەت قىلىشىغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىلدى.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىل، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىدى، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. كەسكىن ۋەزىيەت ۋە مۇرەككەپ ئەھۋال ئالدىدا، قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە سىستېمىلىق تەلىم - تەربىيە بېرىش زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشنى چەكلەپ، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىم سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.

تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىلىرى، تەشەببۇسلىرىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن. تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، كىشىلىك ئەركىنلىكتىن كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگىچە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىغىچە، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەرگىزمۇ قانداقتۇر چەكلەش، كىشىلىك ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش تەدبىرى ئەمەس، بەلكى قانۇن بويىچە قوللىنىلغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم تەدبىر، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تەدبىر.

تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتەك جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ياخشى ئۈنۈمى ھەممىگە ئايان. تەلىم - تەربىيە مەركىزى مەكتەپ خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنى مەنبەدىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى، قانۇن بىلىملىرىنى، كەسپىي ماھارەتنى ئۆگىنىش ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئوقۇتۇش دەرسلىكى تەسىس قىلىندى. بىر قاتار قاراتمىلىقى بولغان تەربىيەلەش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆستى، قانۇنچىللىق ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دىنىي ئەسەبىزم ئۈنۈملۈك يوقىتىلدى. تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئاكتىپ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى(ۋەقەسى) يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت ئامانلىق ئەھۋالى روشەن ياخشىلاندى، مىللەتلەر باراۋەر - ئىتتىپاق، دىنلار ئېجىل - رايىش، خەلق تۇرمۇشى تىنچ - ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن دىلىدىن قوللىشى ۋە ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەر ئىزدىنىپ چىقىلدى. گەرچە بىر قىسىم كىشىلەر ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىگە قارا چاپلىغان بولسىمۇ، لېكىن پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەققانىيەت كىشىلەر قەلبىدە. «تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئادىمىيلىك جەھەتتىن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى»، «تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ياشلارنى تېررورىزمنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىدىن يىراقلاشتۇردى»... نۇرغۇن چەت ئەللىك زاتلار نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق تونۇپ، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چۈشىنىدىغانلىقى، مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ چېكى يوق. تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئېغىر زىيانكەشلىكى ئالدىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىر دۇنياۋى قىيىن مەسىلە ئالدىدا، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ قوغداشقا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭ چوقۇم تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى