تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم، زور مەخسۇس تۈرلەر خىزمىتى بويىچە ئەزالار تەشۋىقات - لېكسىيە ئۆمىكى شىنجاڭدا تەشۋىقات - لېكسىيە دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم، زور مەخسۇس تۈرلەر خىزمىتى بويىچە ئەزالار تەشۋىقات - لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ 2- باش تېما تەشۋىقات - لېكسىيە پائالىيىتىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن دوكلات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەشۋىقات - لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيايى «خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى يېڭى بۇرچى» دېگەن تېمىدا تەشۋىقات - لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

تەشۋىقات - لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇش ۋە تەشۋىقات - لېكسىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش − مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى. ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى بۇ يىل باش تېما تەشۋىقات - لېكسىيە ئۆمىكىدىن ئۈچنى تەشكىللەيدۇ، 2- باش تېما تەشۋىقات - لېكسىيە ئۆمىكى شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشلەرگە كېلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە بىرلىك سەپنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھات يولىدا ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەلتەنەتلىك ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن تارىخىي تۆھپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك تەجرىبىسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

ليۇ جيايى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ مۇقىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچى قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى ھەم خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش تارىخىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك رەتلەپ، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، يېڭى ئورۇن، يېڭى بۇرچ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنىڭ مەركىزىي ھالقىسى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق بەش جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەشۋىقات - لېكسىيە پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، مېڭىنى قوراللاندۇرىدىغان روھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيە - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چارە كۆرسىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيتقامزا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ بو، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

دوكلات يىغىنىدا يىراق مۇساپىلىك سىندا لېكسىيە سۆزلەش شەكلى قوللىنىلدى، ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە 118 شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، تەخمىنەن 8500 كىشى قاتناشتى. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلاردىكى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئالاقىدار زاتلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بىر قىسىم كادىرلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا تەشۋىقات - لېكسىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست(شەھەر)لىق سىياسىي كېڭەش، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار ئۆز جايىدىكى شۆبە يىغىن مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى