تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

دۇ فېڭرۇي: «تۆمۈر قوزۇق ياردەمچى ئايروپىلان» ئارقىلىق يىراق كۆكنى تىترىتىش

دۇ فېڭرۇينىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 7- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى پېڭ) جەنۇبىي خېنەننىڭ فاڭچېڭ ناھىيەسىدە، كۈندە گۇگۇم چۈشىشى بىلەن ئاساسىي يول بولغان «فېڭرۇي يولى»نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانى شەكلىدىكى يول چىراغلىرى ۋاقتىدا يېنىپ، كېچىدە ئاجايىپ يارقىن كۆرۈنىدۇ. بۇ يەر دەل ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ داڭلىق ئۇرۇش قەھرىمانى − «تۆمۈر قوزۇق ياردەمچى ئايروپىلان» دۇ فېڭرۇينىڭ يۇرتى.

دۇ فېڭرۇي، 1933 - يىلى تۇغۇلغان، خېنەن فاڭچېڭدىن. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا تىلەمچىلىك، سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن، كېيىن پومېشچىككە يىللىقچى بولۇپ، جاھاننىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتقان. كونا جەمئىيەتكە بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكى ۋە يېڭى تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇلىرى بىلەن، دۇ فېڭرۇي 1948 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان. 1956 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

ئارمىيەگە قاتناشقاندىن كېيىن، دۇ فېڭرۇينىڭ سىنىپىي ئاڭلىقلىقى تېز ئۆسكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يازغان: بىر ئىنقىلابچى قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىنقىلابىي كىشىلىك ھايات قارىشىنى بېكىتىش ئۈچۈن جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ھەممە جايدا پارتىيەنىڭ مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىشى، قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەسلىكى، ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزۇش خىسلىتىگە ئىگە بولۇشى، پارتىيە مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى، ھەتتا ھاياتىنىمۇ قۇربان قىلالىشى كېرەك.

دۇ فېڭرۇي ئۇرۇشتا پاراسەتلىك، قەيسەر بولۇپ، قۇربان بولۇشتىن قورقمىغان. 1948- يىلى 8- ئايدا، ئۇ تۇنجى قېتىم خېنەن نەنياڭدىكى بەيخې ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، شەرەپ بىلەن خىزمەت كۆرسەتكەن. 1952- يىلى، يۈننەندە باندىتلارنى تازىلاش ئۇرۇشىدا كانايچى بولۇپ، كېسەل ھالەتتە ۋەزىپىنى قالتىس ياخشى ئورۇنداپ، بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. شۇ يىلى 4 - ئايدا، ھاۋا ئارمىيە قىسمى ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنىڭ ئۇچقۇچىلىقىغا يۆتكەلگەن.

ئۆگىنىش مەزگىلىدە، پىدائىي قىسىمدىكى ئۇچقۇچى قەھرىمانلارنى ئۈلگە قىلىپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇشتەك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئاۋىياتسىيە نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئۇچۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ كۈندۈزدە دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرسا، كەچتە چىراغ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ھاجەتخانىدا چىراغ يورۇقىدا يازغان خاتىرىسىنى كۆرگەن. كېيىن مەكتەپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىدىن چاتاق چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ كېچىدە ئۆگىنىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ قولچىراغ سېتىۋېلىپ، يوتقان ئىچىدە قولچىراغ ياندۇرۇپ يوشۇرۇن ئۆگەنگەن. ئۇ ئىجتىھات بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەچكە، ئوقۇش تاماملاش ئىمتىھانىدا ھەممىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن.

ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دۇ فېڭرۇي ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلار قىسمىغا تەقسىم قىلىنغان، ئەستايىدىل مەشىق قىلىپ، كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەنگەچكە، ئۇچۇش تېخنىكىسى تېز ئۆسكەن. 1957- يىلى ئەلا قارىغا ئالغۇچى بولۇپ باھالىنىپ، «تۆمۈر قوزۇق ياردەمچى ئايروپىلان» دەپ تەرىپلەنگەن.

1958- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تاڭ سەھەردە، دۇ فېڭرۇي تۇرۇشلۇق ئۇچقۇچىلار ئوتتۇرا ئەترىتى فۇجيەن لۇڭتيەن ھاۋا بوشلۇقىدا، چوڭ قۇرۇقلۇققا بۆسۈپ كىرگەن تەيۋەن گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالتە ئايروپىلانى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان. ئۇ 4- نومۇرلۇق ئايروپىلاننى ھەيدەپ، يېتەكچى ئايروپىلانغا ئەگىشىپ گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلان توپى ئارىسىغا كىرگەن، 86-F بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئارقا تەرەپتىن يوشۇرۇن كېلىپ يېتەكچى ئايروپىلانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، تېزدىن ماي كىلاپانىنى دەسسەپ، ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بىر قېتىمدىلا ئۇنى پاچاقلاپ تاشلىغان. يېتەكچى ئايروپىلان خەتەردىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى دۈشمەننىڭ تۆت ئايروپىلانىنىڭ مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، ئايروپىلاننىڭ تېگى زەربىگە ئۇچراپ، بېشى زەخىملەنگەن. خەتەرلىك پەيتتە، ئۇ قىلچىمۇ قورقماستىن، ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، زەخىملەنگەن ئايروپىلاننى ھەيدەپ، قارشى تەرەپنىڭ بىر ئايروپىلانىنى نىشانلاپ توختىماي قوغلاپ، 12 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىن يەر يۈزىدىن 3500 مېتىر ئېگىزلىككىچە قوغلاپ ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى پاچاقلاپ تاشلىغان. ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇپ داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ئايروپىلاننىڭ تېگى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىك سەۋەبلىك مەشغۇلات قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ پاراشوت بىلەن سەكرەشكە مەجبۇر بولغان. يەر يۈزىگە چۈشەي دېگەندە دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەردانىلارچە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ ئارانلا 25 ياش ئىدى.

شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە سىياسىي بۇسى ئۇنى 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئالغان. 1964- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، ھاۋا ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ئوتتۇرا ئەترەتكە «دۇ فېڭرۇي ئوتتۇرا ئەترىتى» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن.

دۇ فېڭرۇي قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى خاتىرىلەش ھەم ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن فاڭچېڭ ناھىيەسى دۇ فېڭرۇي خاتىرە سارىيى سالغان ھەم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسىي كوچىسىغا فېڭرۇي يولى دەپ نام بەرگەن، ناھىيە بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەيدانغا فېڭرۇي مەيدانى، دەپ نام بەرگەن، ناھىيە بازىرىدىكى دۇڭگۈەنگە فېڭرۇي ئىش باشقارمىسى دەپ نام بەرگەن، شۇنداقلا قەھرىماننىڭ يۇرتى جاۋۋا كەنتىنى فېڭرۇي كەنتى دەپ ئۆزگەرتكەن، كەنت ئوتتۇرا مەكتىپىنى فېڭرۇي ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتكەن.

60 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇ فېڭرۇينىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيەلەش توختاپ قالمىدى. فاڭچېڭ ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۇسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى ما چىڭسى ئۇدا 30 يىل دۇ فېڭرۇينىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى قېزىپ، 70 پارچىگە يېقىن يۈرۈشلۈك خەۋەر يازدى. دۇ فېڭرۇينىڭ بىر قورساق قېرىندىشى دۇ فېڭجيا بوۋاي قىسىم ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىگە ئاتلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 100 نەچچە مىڭ ئاڭلىغۇچىغا 200 مەيداندىن كۆپرەك دوكلات بەردى. دۇ فېڭرۇي خاتىرە سارىيىغا قويۇلغان «دۇ فېڭرۇينىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى» 30 نەچچە يىلدىن بۇيان «كۈتۈۋالغان مېھمانلار» 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، فاڭچېڭ ناھىيەسى «ئۇچقۇچىلار بۆشۈكى» دېگەن نام بىلەن داڭ چىقاردى. فاڭچېڭ ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۇسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي قۇربان دۇ فېڭرۇينىڭ تەسىرىدە، فاڭچېڭ ناھىيەسىدە ئۇدا 20 نەچچە يىل «ئارمىيەگە قاتنىشىش» قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، ھەربىي مەكتەپلەرگە 1000غا يېقىن ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 142سى ئۇچقۇچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى