تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن جۇڭگو - بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 15- كۈنى بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ھازىر، جۇڭگو ۋە بىرازىلىيە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ. مەن جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بولسونارو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشنى خالايمەن.

بولسونارو تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرازىلىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئورتاق تەرەققىي قىلىش نىشانىغا ئەمەل قىلدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى كۆپ مەنبەلىك يېتىلدى، ھەمكارلىق مېخانىزمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ سىجىل ئېشىشى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ياخشى بولۇشى بىرازىلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ماھىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. بۇ يىل ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، ھۆكۈمەتلەر ئارا راۋان سۆھبەتنى ساقلاپ كەلدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە، بىرازىلىيە - جۇڭگو ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يولىنى ئورتاق پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.