تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش نىشان ئۆلچىمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى چىڭ تۇتۇپ تولۇقلاش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ كۈچەش كېرەك. قىيىن نۇقتا، مۇھىم نۇقتا مەسىلىلىرىنى توغرا نىشانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، كەمتەكلۈكلەرنى تولۇقلاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، مەبلەغ تۈرلىرى، سىياسەت كاپالىتى، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتە يۆلەش، ئاساسنى پۇختىلاش جەھەتتە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش، ئائىلىلەرگىچە يۆلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، چېكىندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ناھىيە - شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قوللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە بېسىم ھېس قىلدۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى ھەقىقىي مۇجەسسەملەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، قەيسەر چىدامچانلىق، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.