تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى «ئوت يۇرتى»دا ئەۋج ئالماقتا

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىن چۇەن، ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ رۇيلىن، چىن يۆۋېن خەۋەر قىلىدۇ: «دۆلەت گۈللەنسە، مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ. يېڭى جۇڭگونىڭ تۇرپان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە خىزمىتى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.» 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، تۇرپان مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى دېڭ يۇڭخۇڭ مۇخبىرلارغا تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇرۇندىن «ئوت يۇرتى» دەپ ئاتالغان تۇرپان قەدىمكى ياۋروپا - ئاسىيا قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيلىك كېسىشكەن جاي ھېسابلىنىدۇ. ئالاھىدە كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدا قېپقالغان قەدىمكى خارابىلىك ۋە يادىكارلىقلارنى بۇ يەردە بىرقەدەر ياخشى ساقلىنىپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، تۇرپانمۇ بۇنىڭ بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ مول ئۈستى ئوچۇق ئارخېئولوگىيە مۇزېيلىرىنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلەندى.

مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماتېرىياللىرى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشنى ياخشى تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى. 20- ئەسىردە، تۇرپانشۇناسلىق تەدرىجىي ھالدا خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان ئىلىمگە ئايلاندى. لېكىن، كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ جەرياندا بىللە يۈزبەرگىنى چەت ئەللىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلىقچە قېزىشى ۋە تالان - تاراج قىلىشى بولدى.

20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تۈركۈم - تۈركۈم غەرب تەۋەككۈلچىلىرى تۇرپانغا كېلىپ، تۇرپاننىڭ مول يەر ئۈستى، يەر ئاستى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلدى. زور تۈركۈمدىكى بۇددا تاشكېمىرلىرىدىكى تام رەسىملەر ئوغرىلاپ كېتىلدى، قىممەتلىك قەدىمكى ھۆججەتلەر ساندۇق - ساندۇقلاپ چەت ئەلگە توشۇلدى، تۇرپانشۇناسلىقمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن غەربتە تېز ئەۋج ئالدى. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگولۇقلار بۇنداق بىر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماي تۇرالمىدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ يۇرتى جۇڭگو شىنجاڭدىكى تۇرپاندا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى غەربتە بولدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ مۇساپىدە بۇرۇلۇش بولۇشقا باشلىدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. تۇرپاننىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي خارابىلىرى مۇۋاپىق قوغدالدى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ سىجىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى:

1959- يىلىدىن باشلاپ، ئاستانە قەدىمكى قەبرە توپى ئون نەچچە قېتىم قېزىلىپ، نەچچە ئون مىڭ پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قېزىۋېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە قەغەز خەت - ئالاقىلا 10 مىڭغا يېقىنلىشىدۇ.

20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، سۇبېشى قەدىمكى قەبرە توپى بايقىلىپ ۋە قېزىلىپ، تۇرپاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنسانلار پائالىيىتىنى تەسۋىرلىرى ئېنىق تارىخىي ئەينەك بىلەن تەمىنلىدى.

1981- يىلى، ياڭخى قەدىمكى قەبرە توپى بايقالدى؛ 2003- يىلى ياڭخى قەدىمكى قەبرە توپى جىددىي قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قېزىلدى.

2010 - يىلى، تۇيۇق تاشكېمىر توپى ۋە بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى شۇ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

2014- يىلى، يارغول قەدىمىي شەھىرى بىلەن ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

...

دېڭ يۇڭخۇڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى تۇرپان مۇزېيىدا 20 مىڭ (يۈرۈش)دىن ئارتۇق قىممەتلىك ساقلانمىلار ساقلانماقتا، بۇ ساقلانمىلار يېڭى جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، تۇرپانشۇناسلىقنى ئۈزلۈكسىز تەتقىقات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى خۇاشيا مەدەنىيلىكى مۇساپىسىدىكى تىرىك تاشقاتمىغا ئايلىنىپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنىڭ بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت داۋلىنى جانلىق بايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى