تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۈلگىدىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنى شىنجاڭغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ئوخشىمىغان تەرەپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، ئۇنىڭ سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، قەسەم بىلەن ئىرادە باغلاپ كۈرەش قىلىدىغان، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، تۆھپىسىدىن مەغرۇرلانمايدىغان، نام - مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان روھىنى جانلىق نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى بىر قېتىملىق چوڭقۇر روھىي تاۋلىنىش ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىگە ئىگە قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، ئۈلگىدىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭ 60 نەچچە يىل نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، بىر ئۆمۈر ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەن، ئىش ئىزلىرى تەسىرلىك بولۇپ، ئۇ باشتىن - ئاخىر كوممۇنىزم ئالىيجاناب غايىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشنىڭ شانلىق ئۈلگىسى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئاڭلىق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولىدىغان سىياسىي خىسلىتىنى، نام - مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان، دادىل ئۆزىنى بېغىشلايدىغان روھىي پەزىلىتىنى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئالىدىغان ئەمەلىي ئىستىلى ۋە ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىدىيەۋى پەزىلەت ۋە مەنىۋى مەنزىلنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلغار، قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، تەقدىرلەيدىغانلىقى، مۇكاپاتلايدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدكە تولغان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئالىيجاناب روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پاك - دۇرۇسلۇقنى ساقلاپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، دەۋر ئاۋانگارتى بولۇپ، ئەلا نەتىجە يارىتىپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئۆگىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلىشى؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا تېخىمۇ پۇختا بولۇپ، تۆۋەنگە چۆكۈپ ئەلرايىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى يۈزتۇرا ئىگىلەپ، مەسىلىنىڭ نېمىلىكىنى، تۈگۈننىڭ قەيەردىلىكىنى ھەقىقىي ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرى، قاتتىق تەدبىرىنى تېپىشى؛ دىققەتنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشكە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىشى، ئەستايىدىل تەھلىل قىلىشى، چوڭقۇر تەكشۈرۈش - كۆزىتىشى؛ تۈزىتىشتە تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇپ، «ئۆزگەرتىش»نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تېپىشى، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشى؛ ئىستىلدا تېخىمۇ پۇختا بولۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، دېگەن ئىكەن قىلىشى، قىلغان ئىكەن ياخشى قىلىشى، قىلغان ئىكەن ۋۇجۇدقا چىقىرىشى؛ مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئۈلگە كۆرگىلى بولىدىغان پەلسەپەۋى قائىدە، ئۈلگە كۆرسىتىش ئەڭ ياخشى قايىل قىلىش. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى