تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

180 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلە «گۈزەل ھويلا - ئاران» بەرپا قىلىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ 8- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ «گۈزەل ھويلا - ئاران» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «گۈزەل ھويلا - ئاران» قۇرۇلۇشى خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «گۈزەل ھويلا - ئاران» تەشۋىقات پائالىيىتى 72 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، 3 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئامما جەلپ قىلىنغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 180 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئائىلە «گۈزەل ھويلا - ئاران» بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان، بۇ تۈردىكى خىزمەتنىڭ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى رولى بارغانسېرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

2018- يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى <گۈزەل ھويلا - ئاران> قۇرۇلۇشى مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسى (2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)، 192 ئېغىر نامرات يېزا (بازار)، 1962 ئېغىر نامرات كەنت، 396 مىڭ 100 نامرات ئائىلە بويىچە، «تۆتتە ياخشى، ئۈچ گۈزەل، بىردە پاكىز بولۇش» (ئىدىيەدە ياخشى، ئائىلە ئىستىلىدا ياخشى، ئۆگىنىشتە ياخشى، ئىتتىپاقلىقتا ياخشى بولۇش، ئادەم گۈزەل، ئۆي گۈزەل، ھويلا گۈزەل بولۇش، ھاجەتخانا تازىلىقى پاكىز بولۇش) ئۆلچەم قىلىنغان «گۈزەل ھويلا - ئاران» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىشيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «گۈزەل ھويلا - ئاران قۇرۇلۇشى − يۈز كەنت، تۈمەن ئائىلە»نى كۆرسىتىش - سايلاش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «گۈزەل ھويلا - ئاران» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى تەدرىجىي ھالدا 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)دىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا - كەنتلەرگىچە كېڭەيتىپ، ئۆز ئوبرازىنى ئۆزگەرتىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «گۈزەل ھويلا - ئاران» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى. ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، مەركەزلىك ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «تۆتتە ياخشى، ئۈچ گۈزەل، بىردە پاكىز بولۇش»نى بەرپا قىلىش ئۆلچىمى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئۆستۈرۈلدى. ھەم چاغان، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق مۇھىم پەيتلەردە «گۈزەل ھويلا - ئاران» قۇرۇلۇشى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نى تاللاپ چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، ئېشىپ كېتىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوزغىتىلدى.

نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 1962 ئېغىر نامرات كەنتتە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى − «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» قۇرۇلۇپ، نامرات ئاياللار ۋە ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى «باش»ىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. «نەزەرىيە ئۆگىنىش+ماھارەت ئەمەلىي مەشغۇلاتى» شەكلى ئارقىلىق، «ئائىلە مەكتىپى دېھقانلار ئائىلىسىگە كىرىش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئائىلە تەربىيەسى، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ئون مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىنىپ، 37 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم نەپكە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تور كەچلىك مەكتىپى» پائالىيىتىنى تەشكىللىدى ھەم «سىزگە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىتىمىز» دەرسلىكىنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى. نۆۋەتتە، دەرسلىكنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى 700 مىڭ نۇسخىدىن ئېشىپ، يېزا ئاياللىرى ۋە ياشلىرىدىن 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمنى بىۋاسىتە قاپلىدى.

«بۇنىڭدىن كېيىن، مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشتە چىڭ تۇرىدۇ.» ۋاڭ لىشيا مۇنداق دېدى: مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى قاراتمىلىق ھالدا نامرات ئاياللار ۋە ياشلارنى خاسلاشتۇرۇلغان يۆلەش، ياردەم بېرىش بىلەن تەمىنلەپ، «ئون كىچىك قۇرۇلۇش»، «گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» قاتارلىقلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار ۋە ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى