تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىش يېڭى تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

«بىر توپا ئازگالغا ئىككى خىش قويۇش، ئۈچ چى ئېگىزلىكتىكى توپا تام بىلەن تۆت ئەتراپنى توسۇپ قويۇش.» بۇ ئىلگىرى يېزا ھاجەتخانىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا قالدۇرغان تەسىرى.

كىچىككىنە ھاجەتخانا زور خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش داۋامىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، بىر مەيدان «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇلدى.

■ «بوۋامنىڭ ھويلىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم » − لاۋخۇڭنىڭ «ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»

ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆينىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق ھەم پاكىز بولۇپ، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىدى، ھويلىدىكى كۆكتاتلاركىشىنى زوقلاندۇرغۇدەك ئۆسكەنىدى، ئۆينىڭ كەينىدىكى كىچىك ئېقىندا سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى... يېقىندا مۇخبىر جياڭسۇ ئۆلكىسى جېنجياڭ شەھىرى شىيې بازىرى يۇڭماۋشۈدىكى خۇڭ جيايۇڭنىڭ ھويلىسىغا كىردى.

يەنىلا ئىلگىرىكى ئاشۇ تاغ، ئاشۇ سۇ، لېكىن «پۇرىقى» پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى.

«ئۇ چاغلاردا، ياز كېلىشى بىلەنلا، ھويلىدا ئادەم تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆيىمىزدە ئەڭ بۇرۇن ئادەتتىكى ھاجەتخانا بار ئىدى، ئىككى تاختاينى قويۇپ، شال پاخىلى بىلەن ئۈستىنى يېپىپ قوياتتۇق، چىۋىن، پاشا دېگەن تولا ئىدى. كېيىن سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتتۇق، لېكىن گەندە كۆلچىكى ۋە يۇندى تۇرۇبىسى بولمىغاچقا، پاسكىنا سۇ مۇشۇ كىچىك ئېقىندا ئاققۇزۇلاتتى، ھاۋا ئىسسىپ كەتسىلا پۇراققا چىدىغىلى بولمايتتى.» لاۋخۇڭ بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، مۇخبىرغا ھاجەتخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ: «قاراڭ، قاراڭ، ئازراقمۇ پۇراق يوققۇ - ھە؟» دېدى.

2013- يىلىنىڭ ئاخىرى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن، چاڭجياڭ دەرياسىدىكى كىچىك ئارال شىيې بازىرى ئۆز ئالدىغا يۇندى تۇرۇبىسى تورى قۇرۇشقا باشلىدى، تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تۇنجى بولۇپ پۈتكەن تەبىئىي كەنت يۇڭماۋشۈ بولدى. لاۋخۇڭ ئائىلىسىنىڭ ھاجەتخانىسى يەر ئاستى يۇندى تۇرۇبىسى تورىغا تۇتاشتۇرۇلدى، توپلانغان گەندە سۈيى ئۈچ كاتەكچىدىكى چىرىتىش كۆلچىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئۈچىنچى كاتەكچىدىكى گەندە سۈيى بىۋاسىتە يەر سۇغىرىپ ئوغۇتلاشقا ئىشلىتىلگەندىن سىرت، قالغانلىرى مەركەزلىك يىغىۋېلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىلدى.

«قىشتا توڭلىمايمىز، يازدا سېسىق پۇراق چىقمايدۇ»، بىر ئېغىز ھاجەتخانىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن شەھەردىكى ئوغۇل - قىز نەۋرىلەر بوۋىسىنىڭ ھويلىسىنى ياقتۇرۇپ قالدى. لاۋخۇڭنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرغىنى باش شۇجىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكىنى بولدى.

2014- يىلىنىڭ ئاخىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، خۇڭ جيايۇڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، لاۋخۇڭنىڭ ئۆيىدىكى پاكىز ھاجەتخانىنى كۆردى ھەم كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادەتتىكى ھاجەتخانىنى سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلىپ، باش شۇجى ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھاجەتخانا مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھاجەتخانا يۇندى تۇرۇبىسى تورى قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلاردىكى يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

بىرقانچە يىلدىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن جەمئىي 31 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ھاجەتخانا ئۆزگەرتىشكە ئىشلەتتى. شىيې بازىرى ھاجەتخانا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش ئاساسىدا، يۇندى، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ پۈتۈن ئارالنى قاپلىشىنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن جياڭسۇ ئۆلكىسىدە، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» يادرو قىلىنغان كەنت - مەھەللىلەرنى پاكىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىنى تۈزەش قاتارلىق مەخسۇس لايىھە سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى.

 «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» يېزا - كەنتلەرگە يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم ئۆلكىلەر يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نىڭ مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، مىڭلىغان كەنت، تۈمەنلىگەن ئائىلە كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى.

«جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل يېزا - كەنت» دەپ نام ئالغان جياڭشى ۋۇيۈەندە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق سۈيى قارا كاھىش، ئاق تاملىق خۇيجۇۋ ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى.

«ئىلگىرى بۇ يەردە لازا قۇرۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. يان تەرەپتىلا ھاجەتخانا بولۇپ، سېسىق پۇراق ئەتراپنى بىر ئالاتتى، ئۆتكەن - كەچكەنلەر بۇرنىنى ئېتىپ ماڭاتتى.» 73 ياشلىق دەي رېنتاڭ ئۆيىدىكى لازىنى كەنت مەيدانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يېيىپ، بىر تەرەپتىن ئاپتاپقا سالغاچ، بىر تەرەپتىن قوشنىلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

«بۈگۈن ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەنتنى بويلاپ ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقتىم، راستىنى ئېيتسام، بۈگۈنكى كۈندە شەھەرلەردىكى باغچىلار بىزنىڭ تەبىئىي مەنزىرىمىزگە يەتمەيدۇ.» 56 ياشلىق كەنت ئاھالىسى جەن نيەنكەينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئوغلى ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان شەھەرگە بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەنىكەن.

«سۇنى ياخشىلاش، ھاجەتخانىنى ياخشىلاش، تازىلىق قىلىشتەك كىچىك ئىشلارنىڭ بۇنچە كۆپ ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» كەنت ئاھالىسى دەي جىخۇا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلانغاچقا، ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

چاڭشى كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دەي شياڭياڭ مۇنداق دېدى: «ھاجەتخانىنىڭ ئۆزگىرىشى يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى».

تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىش تاماملانغان، يېزىلاردا ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش نىسبىتى يېرىمدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ئۈلۈشتىن كۆپرەكى زىيانسىز پاكىز ھاجەتخانا ئىكەن.

«ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئېلىپ كەلگەن يېزا - كەنت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى كەيپىياتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىمەكتە.

دۆلەت يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ 109 كۆزىتىپ ئۆلچەش نۇقتىسى(كەنتلەر)نى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ نۇقتىلار(كەنتلەر)دا سۇ چۈشىدىغان ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %75.1كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشقان، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى مەركەزلىك يىغىش نۇقتىسى ۋە تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىنى قاپلاش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %3.2 ۋە %15.5 ئاشقان. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئومۇمىي ئادەم قېتىم سانى 1 مىليارد 510 مىليونغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشقان، ئومۇمىي كىرىم %11.7 ئاشقان.

«قارا، سېسىق دەريا ئېقىنلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭلەر بارغانسېرى سۈزۈكلىشىپ، چاڭجياڭ دەرياسىغا ئېقىپ كىرىدىغان سۇلار بارغانسېرى پاكىزلاندى، كەنت ئاھالىلىرى مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىماقتا» دېدى شىيې بازىرى شىيې كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې يۇڭلىن.

■ قۇرۇش، باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش: كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىرنى بىرگە ئۇلاپ تۇتۇپ، بىرنى تۇتسا بىردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

«ئۈچ ئۈلۈش قۇرۇشتا، يەتتە ئۈلۈش باشقۇرۇشتا. بىرتۇتاش يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، ئەخلەت يىغىش نۇقتىسى قۇرۇش ئەلۋەتتە ياخشى، لېكىن پۇقرالارنى يۇندى ھەققى، ئەخلەت ھەققى يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەتسەك ياخشى بولمايدۇ. ئۆزىمىزنى پۇقرالارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىغىنىمىزدىلا ئاندىن ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ.» شىيې بازارلىق پەن - مائارىپ - مەدەنىيەت - سەھىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گۇ ليۇجۈن بىر نەچچە نۆۋەتلىك ھاجەتخانا ئۆزگەرتىشنى باشتىن كەچۈرگەچكە، بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى.

زىرائەتلەر ئوغۇتقا تايىنىپ ئاينىيدۇ، ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىشتە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈچ كاتەكچە شەكلى، پاتقاق گازى شەكلى، قوش ئىدىش شەكلى، گەندە - سۈيدۈكنى دەرىجىگە ئايرىش شەكلى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ مۆتىدىل بەلباغدىن ئىسسىق بەلباغقىچە، تاغلىق رايوندىن سۇ ماكانىغىچە بولغان كۆپ خىل كەڭلىك گىرادۇس، كۆپ خىل يەر شەكلى ئېھتىياجىغا ماسلاشتى.

«خەلق تۇرمۇشىدىكى بۇ زور قۇرۇلۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇكەممەل يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ.» يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى لى ۋېيگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى مەخسۇس يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشخانىسى قۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. 2019- يىلى، مەركەز مالىيەسى 7 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، مالىيەدىن مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىشكە ئىشلەتتى، مەركەز خامچوتى ئىچىدە 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى.

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىشتە ئىش باشلاندى، 50 مىڭدىن ئارتۇق يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، 90 مىڭدىن ئارتۇق يېزا تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قۇرۇلدى.

چاڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى 44 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىيې بازىرى ئۆزگەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازار مىدى، ساۋمېي، جۇڭگو دۆلەت ئويۇن قويۇش شىركىتى، كورېيە SM قاتارلىق ئويۇن قويۇش گۇرۇھلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، يېمەك - ئىچمەك، پىۋا، مۇزىكا، بىنجياڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىر گەۋدە قىلىنغان مۇزىكا ئارىلى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مىليونلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، «ئارال»دىكى ھاجەتخانىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، قەغەز سېتىش ماشىنىسى، يان تېلېفونغا توك قاچىلاش پونكىتى، توسالغۇسىز ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، مۇزىكا مەستانىلىرىنىڭ يەتكۈچە ھۇزۇرلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

لاۋخۇڭ يېقىندا بەختلىك باش ئاغرىقىغا قالدى، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «چاڭجياڭ خەلقئارا مۇزىكا بايرىمى»نىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىغاندا، قىز نەۋرىسى يۇرتىغا قايتىپ ناخشا كېچىلىكىنى كۆرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى، «ئىلگىرى مەن سوۋغات بېلەتكە ئېرىشەلەيتتىم، بۇ ئىككى يىلدا بىر بېلەت تېپىشمۇ تەس بولدى ئەمەسمۇ».

(مۇخبىرلار ليۇ كاڭ، جياڭ فاڭ، چيۇ بىڭچىڭ، ياۋ زىيۈن، يۈ ۋېنجىڭ، يۈ جۈنجيې)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى