تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كاللىسىنى كۆپ ئىشلەتكەن بالىلار ئاسان سەمىرىپ كەتمەيدىكەن

  ئامېرىكا غەربىي شىمال داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئامېرىكا «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى»دا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە سېمىزلىك خەۋپى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىشلىق رولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بالىلار دەسلەپكى تەربىيە ئالغاندا پەقەت بىلىش جەھەتتە نەپ ئېلىپلا قالماي يەنە چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتەك «كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق»قا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بەش ياشلىق بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى سەرپ قىلغان ئېنېرگىيە پۈتۈن بەدەن سەرپ قىلغان ئېنېرگىيەنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە كۆپىيىۋاتقان تۆۋەن ياش باسقۇچمۇ بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدىكەن؛ بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە ئازىيىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا تېزلىشىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار تەھلىل ئاساسىدا مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگىرىشى بالىلارنىڭ بەدەن ئېنېرگىيە سەرپىيات ئەندىزىسى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش ئەندىزىسىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، ئەگەر بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگىرىش ئەندىزىسىنى مىقدارلاشتۇرغىلى بولسا بەلكىم قاراتمىلىقى بولغان دەسلەپكى تەربىيە سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا، ھەم چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇشى مۇمكىن، ھەم سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.

جۇڭگو خانىم-قىزلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى