تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى: دەم ئېلىش مەزگىلىدە قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت قىزىپ كەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ئىستىراھەت، ئۆزى ماشىنا ھەيدەش، ئىسسىقتىن ساقلىنىش... قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسى ئېشىپ، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 8 مىليون 923 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتتى. بايرام مەزگىلىدە، مۇخبىر  مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى قىسمەن دېھقانلار ئارامگاھى، ئىستىراھەت كەنتىدىن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى ساياھىتىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئەتراپتىكى يېزا–كەنتلەردىكى دېھقانلار ئارامگاھى، ئىستىراھەت كەنتى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىدىغان مەنزىلى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى.

  ئىستېمالچىلارنىڭ قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتكە بولغان قىزىقىشىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلاش، ئائىلە پائالىيىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %47كە يەتكەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ بېقىش بولۇپ، تەخمىنەن %24نى ئىگىلىگەن.

  مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى شيامېنزى مەنزىرە رايونى گېندياۋ ئارامگاھىدا، شەھەر ئاھالىسى چۈ لياڭ دېھقانلار قورۇمىلىرىنى يەپ، مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:  ئىلگىرىئىستىراھەت كەنتىگە كەلگەندە يېمەك-ئىچمەك ئاساس قىلىناتتى، بۇنداق مەدەنىيەت پۇرىقىغا تولغان نەرسىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى، بۇ يەردىكى يىلتىز ئويما، غەلىتە تاش، ھۆسنخەت ۋە رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆردى.

  شۇ كۈنى، شەھەر ئاھالىسى چېن ياۋ ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بالىلارنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدىم، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، بۇ خىل شەكىل ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەن .

  ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى شيامېنزى مەنزىرە رايونى گېندياۋ ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى جۇ سەيشيانىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، گېندياۋ ئارامگاھىدا جەمئىي 21 ئايرىمخانا بار بولۇپ، تەخمىنەن 200 ئادەم سىغىدىكەن، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاساسىي جەھەتتىن زاكاز قىلىنىپ بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە ، ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان ساياھەت مەنزىلىدىن قارىغاندا، ئىستىراھەت كەنتى ۋە دېھقانلار ئارامگاھى ساياھەتچىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان جايى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلار ، ئاندىن ئاساسىي تېما باغچىسى ئىكەن .

  نۆۋەتتە، ئىستېمالچىلارنىڭ ساياھەت تۈرى مەنزىرە ساياھىتى قىلىشتىن ئارامگاھ ساياھەت باسقۇچىغا قەدەم قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ھازىر %30تىن ئېشىپ كەتكەن، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان بىر خىل ساياھەت شەكلى بولۇپ قالغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى