تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سو رۇڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ شىن خەۋىرى، فوتوسى): بۇ شەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 17-كۈنى)، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە 3-قېتىم چوڭ تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ: خۇڭچياۋ BRT ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئارشاڭغىچە باش-ئاخىرقى بېكەت قىلىنغان S406-يولى، شەرقىي بۈگۈر يولىدىن نېفىت خىمىيە (شىخۇا) 1-نومۇرلۇق يول ئېغىزىغىچە باش-ئاخىرقى بېكەت قىلىنغان S602-يولىدىن ئىبارەت ئىككى مەھەللە ئاپتوبۇسى يېڭىدىن ئېچىلىدۇ. 73-يول، 202-يول، 309-يول قاتارلىق توققۇز ئادەتتىكى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىققاندا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.
8-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن ئېچىلغان S406-يول مەھەللە ئاپتوبۇسىنىڭ باش-ئاخىرقى بېكىتى خۇڭچياۋ BRT ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئارشاڭ باش-ئاخىرقى بېكىتىگىچە، گولف يولى، ئارشاڭ يولىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بەش بېكەت نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان. S602-يول مەھەللە ئاپتوبۇسىنىڭ باش-ئاخىرقى بېكىتى بۈگۈر شەرقىي يولىدىن نېفىت خىمىيە (شىخۇا) 1-نومۇرلۇق يول ئېغىزىغىچە، بۈگۈر يولى، جۇڭيى جەنۇبىي يولى، لەنشېڭ شەرقىي يولى، مىدۇڭ چوڭ يولىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، سەككىز جۈپ قوش يۆنىلىشلىك بېكەت تەسىس قىلىنغان.
يېڭىدىن ئېچىلغان ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى:
(1). S406-يول مەھەللە ئاپتوبۇسى
1.لىنىيە نومۇرى: S406-يول.
2. باش-ئاخىرقى بېكىتى: خۇڭچياۋ BRT ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن ئارشاڭ باش-ئاخىرقى بېكىتىگىچە.
3.ئۆتىدىغان يوللار: گولف يولى، ئارىشاڭ شەرقىي يولى.
4. ئۆتىدىغان بېكەتلەر: خۇڭچياۋ، قەبرىستانلىقنى باشقۇرۇش مەركىزى، گولف يولى، دىڭشاڭ گۈللۈكى، ئارشاڭ.
(2). S602-يول مەھەللە ئاپتوبۇسى
1. لىنىيە نومۇرى: S602-يول.
2. باش-ئاخىرقى بېكىتى: بۈگۈر شەرقىي يولىدىن نېفىت خىمىيە (شىخۇا) 1-نومۇرلۇق يول ئېغىزىغىچە.
3.ئۆتىدىغان يوللار: بۈگۈر يولى، جۇڭيى جەنۇبىي يولى، لەنشېڭ شەرقىي يولى، مىدۇڭ چوڭ يولى.
4. ئۆتىدىغان بېكەتلەر: «122-ئوتتۇرا مەكتەپ» بېكىتى (يېڭى قۇرۇلغان)، «A رايون شەرقىي دەرۋازىسى» بېكىتى (يېڭى قۇرۇلغان)، «ئايلانما» بېكىتى (يېڭى قۇرۇلغان)، «F رايون غەربىي دەرۋازىسى» بېكىتى (يېڭى قۇرۇلغان)، «123-ئوتتۇرا مەكتەپ» بېكىتى (يېڭى قۇرۇلغان)، «جۈشىيۈەن» بېكىتى (يېڭى قۇرۇلغان)، «98-باشلانغۇچ مەكتەپ» بېكىتى (يېڭى قۇرۇلغان)، «نېفىت خىمىيە (شىخۇا) 1-نومۇرلۇق يول ئېغىزى» بېكىتى قاتارلىق سەككىز جۈپ قوش يۆنىلىشلىك بېكەت.