تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

8- ئايدىكى جامبۇلاق كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ

  8- ئاينىڭ باشلىرىدىكى جامبۇلاق ئەڭ گۈزەل مەزگىلىگە كىرىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلاندى.

  ئالتۇن رەڭلىك قىچا گۈلى دېڭىزى بىلەن سارغۇچ يېشىل بۇغدايلىقلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، شېئىرىي مەنزىرە ئەكىس ئەتتۈرگەنىدى، مەنزىرە رايوننىڭ ئۆزگىچە ساياھىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

 جامبۇلاق مەنزىرە رايونى گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، تىيانشان غەلىتە يانباغرى، سۇلى قەلئەسى، ياغاچ ئاسما يول، خېيخۇ كۆلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئىگىلىنىشىچە، 2018 -يىلى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، ساياھەتچىلىك كىرىمى 400 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ساياھەتچىلىك كەسپى پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان.

  مۇشۇ پەيتتە، 10 مىڭ مو بىنەم يەرنىڭ كۈنگەي تەرىپىدىكى بۇغدايلار ئالتۇن رەڭگە كىردى، بىپايان ئالتۇن رەڭ كۆزنى قاماشتۇرۇپ، جامبۇلاقنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى.

  ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغۇچىلار جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا كىرسە بىرقەدەر قولايلىق، ھەربىر مەنزىرىگە بارغاندا ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار، ساياھەتچىلەر مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرسا بولىدۇ. مەنزىرە رايونىدا يەنە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى