تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

كىچىك بالېتچىلارنىڭ رەڭدار ئۆتكەن يازلىق تەتىلى

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىنجوۋ شەھىرى بەيشىخۇ كۆلى باغچىسىدا، كىچىك بالېتچىلار بالېت مەشىق قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇاڭشىنىڭ چىنجوۋ شەھىرىدە شۇ جايدىكى كىشىلەر «بالېتچى پەرىلەر» دەپ ئاتىشىدىغان بىر توپ كىچىك قىز بار. ئۇلار چىنجوۋ سىفەن مەكتىپى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى يەتتە ياشتىن 13 ياشقىچە، ئۇسسۇلغا بولغان قىزغىن ئىشتىياقى بولغاچقا، ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا مىللىيچە ئۇسسۇل، جۇڭگوچە ئۇسسۇل ۋە بالېت ئوينىيالايدىغان بولغان. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇلار ئورۇنلىغان «شادىمان ئۆردەك چۈجىسى»، «بالېت پەرىسى»، «ئورمان زىياپىتى» قاتارلىق ئۇسسۇلار مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر بالېت مۇسابىقىسى ۋە گۇاڭشى ياش-ئۆسمۈرلەر بالېت مۇسابىقىسىدە قالتىس نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ يىل يازلىق تەتىلىدە، ئۇلار ئويۇن قويۇپ، مەشىق قىلغاندىن سىرت، يەنە شۇ جايدىكى ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى، يەنە تېخى ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، يازلىق تەتىلىنى رەڭدار ئۆتكۈزدى. (جاڭ ئەيلىن فوتوسى)

گۇاڭشىنىڭ چىنجوۋدىكى يۈشۈەن سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىدە، كىچىك بالېتچىلار بالېت ئاساسىي ماھارىتىنى مەشىق قىلماقتا (7-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

گۇاڭشىنىڭ چىنجوۋدىكى يۈشۈەن سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىدە، كىچىك بالېتچىلار بالېت مەشىق قىلماقتا (7-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

8-ئاينىڭ 8-كۈنى، گۇاڭشىنىڭ چىنجوۋدىكى يۈشۈەن سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزىدە، كىچىك بالېتچىلار بالېت ھەرىكەتلىرىنى مەشىق قىلماقتا (سىن كۆرۈنۈشىدىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت).

8-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچقۇرۇن، كىچىك بالېتچىلار چىنجوۋ شەھىرى بەيشىخۇ كۆلى باغچىسىدا رېپېتىتسىيە قىلماقتا (سىن كۆرۈنۈشىدىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت).

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، كىچىك بالېتچىلار چىنجوۋ شەھىرىدىكى مېڭيۈەن مەيدانىدا نومۇر رېپېتىتسىيە قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، كىچىك بالېتچىلار بالېت ئورۇندىماقتا (سىن كۆرۈنۈشىدىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت).

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، كىچىك بالېتچىلار دوستىنىڭ ئۆيىدە شوۋسى ياساشنى ئۆگەنمەكتە (سىن كۆرۈنۈشىدىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت).

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، كىچىك بالېتچىلار بازاردىن كۆكتات سېتىۋېلىپ، ئاتا-ئانىسىغا يادەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالماقتا (سىن كۆرۈنۈشىدىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى