تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدىكى تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا كۆچمە چىقىم قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ): 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا كۆچمە چىقىم قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

  ئىگىلىنىشچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، 1-دەرىجىلىك، 2-دەرىجىلىك تاشيوللاردىكى 217 ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ 1005 ھەق ئېلىش يولى (بۇنىڭ ئىچىدە: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى 175 ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ 736 ئاپتوموبىل يولى، 1-دەرىجىلىك تاشيولدىكى سەككىز ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ 58 ئاپتوموبىل يولى، 2-دەرىجىلىك تاشيولدىكى 34 ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ 211 ئاپتوموبىل يولى بار) دا يۈرۈش ھەققىنى كۆچمە چىقىم قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  كۆچمە چىقىم قىلىشنى قوللانغاندا، ھەق ئېلىش خادىملىرىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، نەق پۇل سودىسى ھالقىلىرىنى ئازايتقىلى، يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يۈرۈش ھەققى تاپشۇرغاندا نەق پۇل ئېلىۋالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلۈشىدىن ئەنسىرىمەي، يان تېلېفون ئۈندىدارىدا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە 1-دەرىجىلىك تاشيولدىن ئۆتكەندە شوپۇرلار ئۈندىدار «كىرىم-چىقىمى» دىلا يۈرۈش ھەققىنى تۆلىسە بولىدىكەن، 2-دەرىجىلىك تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدىن ئۆتكەندە ئۈندىدار ئارقىلىق سىكاننېرلاپ ھەق تۆلەپ، ھەق ئېلىش خادىمغا ھەق تۆلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ، تېز سۈرئەتتە ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتسە بولىدىكەن. ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ھەق تۆلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، 2-دەرىجىلىك تاشيوللاردىكى ھەق ئېلىش ئۆيى كۆزنىكىنىڭ ئاستى-ئۈستىگە بىردىن ئۈندىدار ئارقىلىق چىقىم قىلىش ئىككىلىك كودى چاپلاپ قويۇلغان بولۇپ، كودنى سىكاننېرلاش ئارىلىقى 0.4—0.1 مېتىرغىچە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى