تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تارماقلار «كىچىك تاماق ئۈستىلى» باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن شو خەۋىرى): «كىچىك تاماق ئۈستىلى» ئېچىشتا، چوقۇم كوچا ئىش باشقارمىسىغا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئالتە تارماق «ئاپتونوم رايوننىڭ <كىچىك تاماق ئۈستىلى> باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» (قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى) نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلار «كىچىك تاماق ئۈستىلى»نى ئەنگە ئالدۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى، ئوقۇغۇچىلار «كىچىك تاماق ئۈستىلى» ئاچماقچى بولغانلار چوقۇم تىجارەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا (بازار) لىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا ئىش باشقارمىسىدا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، ئەنگە ئېلىش كارتىسى ئېلىش كېرەك. ئەنگە ئالدۇرۇشتا ئىلتىماس، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت تەرتىپى چۈشەندۈرمىسى، جابدۇقلار تىزىملىكى، تىجارەت سورۇنى كۆلىمى ۋە تاماق يېيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى چۈشەندۈرمىسى، قۇرغۇچى ۋە كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ سالامەتلىك ئىسپاتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەدىنامىسى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ۋەدىنامىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى، تىجارەت سورۇنىنى يەر ئاستى ئۆي ياكى يېرىم يەر ئاستى ئۆي قاتارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ئالاقىدار تىجارەت سورۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ؛ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى مەشغۇلات ئۆيى، تاماق يېيىش ئۆيى، تازىلىق ئۆيىنى ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇش؛ يەر يۈزىگە تېيىلىشتىن، سۇ سىڭمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئاسان تازىلىغىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش؛ تىجارەت سورۇنىغا تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، پاكىزلىقنى ساقلاش، توڭلىتىش، سوغۇق ساقلاش، يېمەكلىك ئەۋرىشكىسىنى ساقلاش، تاشلاندۇق نەرسىلەرنى يىغىش قاتارلىق ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەش ھەمدە نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى، «كىچىك تاماق ئۈستىلى» تىجارەت سورۇنىدا ئەرمەك ھايۋان باقماسلىق؛ يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى دائىرىدىن، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارغا گۆش تۈرىدىكى سوغۇق قورۇمىلار، خام يېمەكلىك، گۈللۈك تورت، تۆت پەسىللىك پۇرچاق، يېڭى چېچەكسەي، ياۋا موگۇ، بىخلانغان ياڭيۇ قاتارلىق يۇقىرى خەتەرلىك يېمەكلىكلەر ھەمدە قانۇن-نىزاملاردا پىششىقلاپ ئىشلەش مەنئىي قىلىنغان باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە يول قويۇلمايدۇ؛ ئۆي ئىچى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك چىقىش ئېغىزىغا توكلۇق ۋېلىسپىت توختىتىشقا ياكى قالايمىقان نەرسىلەرنى دۆۋىلەش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەۋەلىكتىكى ئوقۇغۇچىلار «كىچىك تاماق ئۈستىلى»نى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇرغۇچىلارنىڭ يېمەكلىك، يېمەكلىك خام ماتېرىيالى، يېمەكلىككە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى تەكشۈرۈش، كەسپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەمدە ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، تىجارەت-باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشى ھەمدە مەكتەپ ئەتراپىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. ھەرقايىسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلىرى تولۇق، تۈزۈمى مۇكەممەل، باشقۇرۇش قېلىپلاشقان ئوقۇغۇچىلار «كىچىك تاماق ئۈستىلى» ئۈلگە دۇكىنىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تىجارىتى قېلىپلاشقان ئوقۇغۇچىلار «كىچىك تاماق ئۈستىلى»دە تاماق يېيىشكە يېتەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى