تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالتە خىل خۇرۇچ

  قوش فېنول تۈرىدىكى خىمىيىۋى بىرىكمىلەر. قوش فېنول A قاتارلىق قوش فېنول تۈرىدىكى خىمىيىۋى بىرىكمىلەر ئاساسلىقى قاتتىقلاشتۇرۇلغان سۇلياۋ قاچا ۋە مېتال باكنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان تەركىبىدە بۇ خىل خۇرۇچلار بولغان بۇيۇملار سۇلياۋ سۈت بوتۇلكىسى، سۇلياۋ ئىستاكان، ئاشخانىلارنىڭ تاماق توشۇش قاچىسى، كونسېرۋالىق يېمەكلىك قۇتىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى سۇۋالغۇ قەۋەت، تۇڭلۇق سۇ قاچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  فتالات تۇزى. بۇ ماددا سانائەتتە سۇلياۋ ۋە ۋىنىل نەيچىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ئەۋرىشىم پلاستىكلاشتۇرغۇچى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، قىزلارنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بالىلارنىڭ سېمىزلىك ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. فتالات تۇزى بىلەن كۆپ ئۇچراشقاندا ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان راكى ۋە ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  تولۇق فتورلۇق بىرىكمىلەر. بۇ خىل بىرىكمىنىڭ مايدىن، بۇلغىنىشتىن ۋە سۇدىن ساقلىنىش رولى بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى ئوراش-قاچىلاش، چاپلاشماس قازان، سۇ ئۆتمەس پەلەي قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ زىيىنى ئىممۇنىتېت كۈچى، تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى ۋە تۇغۇت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  پېرخلورات. بۇ خىل خىمىيىلىك ماددا بىر خىل يېڭى تىپتىكى بۇلغىما بولۇپ، ئاساسلىقى چاي ، مېۋە - كۆكتات، دانلىق زىرائەت، گۆش مەھسۇلاتلىرى، بەزى سۈت پاراشوكى ياكى گۈرۈچ ئۇنى قاتارلىق قۇرۇق يېمەكلىكلەردە ستاتىك ئېلېكتىر پەيدا قىلىدۇ. قالقان بەز ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ .

  سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن پىگمېنتلار. سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن رەڭ خۇرۇچلىرى ( سۈنئىي پىگمېنت ) تەبىئىي پىگمېنتلارغا قارىغاندا رەڭگى تېخىمۇ ئوچۇق بولۇپ، رەڭگى ئاسان ئۆڭمەيدۇ، باھاسى تېخىمۇ تۆۋەن، شۇڭا مېۋە شەربىتى، ئىچىملىك، پىچىنە - پىرەنىك قاتارلىق كۆپ خىل پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ.

  نىتراتلار ۋە نىترىتلار. بۇ خىل خىمىيىۋى بىرىكمىلەر كۆپىنچە يېمەكلىكلەرنى ساقلاش ۋە يېمەكلىككە رەڭ بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. كونسېرۋا، كولباسا، تۇزلانغان گۆش، سۈرلەنگەن گۆش قاتارلىق تۇزلانغان ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرلىرى ئىچىدە مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ .

             خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى