يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى چارۋا باقمىچىلىقى جەھەتتە چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىق تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جايلىما يېزىسى تامچى كەنتى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۈتۈن كەنت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى سىلجىتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى ھەمدە ئەلا سۈپەتلىك ئات بېقىش، ئورگانىك ئات گۆشى يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قىمىز ئېچىتىش، سەيلە-ساياھەت ئېتى قاتارلىقلار بويىچە يۈزتۇرا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن كەنتنى ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا باشلىدى.
ئالتاي گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى