تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۇرچىن ناھىيەسى سەرخىل پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ ماركىسىنى ياراتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لو ياڭشۆ فوتوسى، خەۋىرى): بۇ يىل، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى سەرخىل پۇقراۋى قونالغۇلار تەرەققىياتىنى ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش»، «ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش» ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزدى، نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدە پۇقراۋى قونالغۇ كەسپى سەرخىللىشىش، كەسىپلىشىش، ماركىلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، كەسىپ ھالىتىنى ۋە ئىگىلىكىنى كېڭەيتىشكە قاراپ قەدەم ئالدى.

  بۇرچىن ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان مىبېي سەر خىل پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ياۋروپاچە ئىمارەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇسلۇبى ئاددىي ۋە قەدىمىي، 28 ئېغىز ياتاق ۋە ئىككى ئېغىز سەنئەتكارلار ئىشخانىسى بار. كونا تۇرالغۇنى ھەر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى كونا ئۆينىڭ قۇرۇلۇش تۈسى ساقلاپ قېلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلار چۆچىكى ئامىللىرى تولۇق سىڭدۈرۈلۈپ، تەبىئەتنىڭ جىمجىتلىقى بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش گۈزەللىكى گىرەلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈلگەن.

  پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئەڭ چوڭ جەلپكارلىقى شۇكى، خاسلاشتۇرۇلغان ھەمدە ساھىبخانا مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىدا، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئالدىنقى سۇپىسى ۋە مۇلازىمىتى يوق، ئۆلچەملەشكەن كۈتۈۋېلىش قائىدە-يوسۇنلىرى تۈزۈلمىگەن، پۇقراۋى قونالغۇ تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەت، ئائىلىۋى كەيپىياتقا، ساياھەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئائىلە تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ. مىبېي سەر خىل پۇقراۋى قونالغۇسى تىجارەت باشلىغان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.

  ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى ۋە ئىستېمال قارىشىمۇ ئۆزگىرىپ، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنىڭ سىجىل جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇرچىن ناھىيەسىدىكى كۆپلىگەن ئاھالىلەر تۇرالغۇسى پۇقراۋى قونالغۇ شەكلىدە قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىپ، پۇقراۋى قونالغۇ تەرەققىياتى بۇرچىندا مۇھىم رول ئوينىدى. پۇقراۋى قونالغۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، سېغىز لاي، كونا تام، كۆك، قىزىل كاھىشلار يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، بۇنىڭ بىلەن پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەتچىلىرىنىڭ تىجارەت ئىدىيەسىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگەردى.

  بۇ يىل، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇ كەسپى مەۋقەنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەم، سەرخىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئورنىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئارقىلىق، بۇلارنى قېلىپلاشقان سەر خىل پۇقراۋى قونالغۇ رايونىغا مەركەزلىشىشكە يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇرچىن ناھىيەسى ئالاقە تورى پەن-تېخنىكىسىنى قوللىنىش تېخنىكىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سۇپىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم «ئالاقە تورى + پۇقراۋى قونالغۇ» ئىقتىسادىي يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈردى؛ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى لايىھەسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم «يېزا ئىگىلىكى-ساياھەت-مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان» يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى