تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خەن شاشا فوتوسى، خەۋىرى): جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ھۆرمەت بىلەن مەدھىيەلەش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يېڭى دەۋر» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ياشلار قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن بىر نەپەر، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئىككى نەپەر، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئۈچ نەپەر، مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئالتە نەپەر باھالاپ تاللاپ چىقىلدى.
ئىلى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى