گۈزەل جياتاڭ يايلىقى (8-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 31 تەبىئەت ھەۋەسكارى دېڭىز يۈزىدىن 4200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چىڭدو ناھىيەسىدىكى جياتاڭ يايلىقىغا جەم بولۇپ، «2019-يىللىق جياتاڭ تەبىئەتنى كۆزىتىش بايرىمى»غا قاتناشتى. تەبىئەت ھەۋەسكارلىرى ئۆزگىچە كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى خاتىرىلەپ، ئۈچ دەريا مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى كۆزەتتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تيەن ۋېنجې فوتوسى)
بىر توپ ئېگىز تاغ بۆكىنى قوتاز توپى يېنىدا ئوتلىماقتا.
يايلاقتىكى ئېگىز تاغ بۆكىنى.
ئوماق موغا.
سۇغۇر.
بىر قۇرغۇي ئوۋلىغان ئولجىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.