تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەھرىماننىڭ ئىزىدىن ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىپ كۈچ ئالايلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ يىل 95 ياشقا كىرگەن جاڭ فۇچىڭ ئۇرۇشتا ئاجايىپ تۆھپە كۆرسەتكەن سابىق غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، قەھرىمان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بولسىمۇ، ئۇ 60 نەچچە يىل نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، بىر جايدىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ھەر كۈنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغان... جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتەك سىياسىي پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋرنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

شىنجاڭ جاڭ فۇچىڭ ئىلگىرى جەڭ قىلغان جاي. ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرى ئارىسىدا، ئۇ قىسىمغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا كىرگەن، سابىق غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى 359- لۈسى 718- تۇەنىنىڭ پېشقەدەم ئەسكىرى بولۇپ، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ئالاھىدە دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن»، دەپ ئەنگە ئېلىنغان، ئىككى قېتىم «ئۇرۇش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق تۇپراقتا، جاڭ فۇچىڭنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان قەھرىمانلىق ئىزلىرى قالغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار جاڭ فۇچىڭنى ئۈلگە قىلىپ، قەھرىماننىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىپ، كۈچ ئېلىشى، ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى، قىسىمدا يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغدىغانلىقى، يەرلىككە بارغاندا خەلق ئۈچۈن بەخت ياراتقانلىقى، ئاددىي - ساددا، ساپ بولۇپ، نام - مەنپەئەت قوغلاشماي ئېسىل كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىققانلىقىدىن ئۆگىنىشى كېرەك.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جاڭ فۇچىڭنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولىدىغان سىياسىي خىسلىتى ۋە نام - مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان، دادىل ئۆزىنى بېغىشلايدىغان روھىي پەزىلىتىدىن ئۆگىنىش كېرەك. يۈكسەك ئېتىقادىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش، ئاددىي - ساددىلىقى، ساپلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش، بۇ جاڭ فۇچىڭنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. 1948- يىلى 8- ئايدا، ئۇرۇش ئوتى كۆككە يەتكەن جەڭ مەيدانىدا، جاڭ فۇچىڭ ئۇرۇش سېپىدە پارتىيەگە كىرگەن، شۇنىڭدىن كېيىنكى 70 نەچچە يىللىق ئۇزاق جەرياندا، ئۇ كىشىلىك ھاياتىدا دۇچ كەلگەن نۇرغۇن تاللاشلاردا كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ مەنىۋى مەنزىلى ئۆلچەم قىلىنغان. جەڭ مەيدانىدا، ئۇ قۇربان بولۇشتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ ئاجايىپ تۆھپە كۆرسەتكەن؛ جەڭ مەيدانىدىن ئايرىلغاندا، ئۇ نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، تاغلىق رايوندا يىلتىز تارتىپ، نامرات رايون ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىغان. مەيلى ئۇرۇش يىللىرىدىكى ھايات - ماماتلىق تاللاشتا بولسۇن ياكى تىنچلىق يىللىرىدىكى «كىچىك ئائىلە» بىلەن «چوڭ ئائىلە»نى تاللاشتا بولسۇن، جاڭ فۇچىڭ باشتىن - ئاخىر «پارتىيە قەيەرنى كۆرسەتسە، شۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان، باشتىن - ئاخىر ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدا جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان، بۇ بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ يىللارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ تاۋلانغان، شۇنداقلا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرغان ئەسلىي مەقسىتى.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جاڭ فۇچىڭنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشتەك ئەمەلىي ئىستىلى ۋە ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىش كېرەك. ئەڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن كۆتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىش، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىش جاڭ فۇچىڭ بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە تىكلەپ بەرگەن ئۈلگىسى. ئازادلىق ئۇرۇشىدا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوتەينى پارتلىتىشنى تەلەپ قىلىپ، «بىر پارچە باش تېرىسى سويۇلۇپ كەتكەن». بەزىلەر: سىز نېمىشقا ئۆلۈمدىن قورقمايسىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ تەمكىنلىك بىلەن: چىڭ ئېتىقاد بولسىلا، ئۆلۈمدىن قورقۇش كەتمەيدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن. 1955- يىلى جاڭ فۇچىڭ ئارمىيەدىن چېكىنىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى لەيفېڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، نامرات تاغلىق رايونغا بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلىغان. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جاڭ فۇچىڭ مەقسەتلىك ھالدا تۆھپە - نەتىجىسىنى يوشۇرغان، پەرزەنتلىرىمۇ ئەھۋالنى بىلمىگەن. جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىشتە، ئۇنىڭ باشتىن - ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىدىن، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىغانلىقىدىن ئۆگىنىش كېرەك.

نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم: جاڭ فۇچىڭدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ كېلىش مەنبەسى قەيەردە؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. جاۋابى مۇرەككەپ ئەمەس. چۈنكى ئۇ پارتىيە بايرىقى ئاستىدا «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىمەن» دېگەن ئەسلىي مەقسىتى ۋە قەسىمىنى ئەزەلدىن ئۇنتۇمىغان، شۇنچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاددىي - ساددا، ساپ بولۇشتەك ئەسلىي مەقسىتىنى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىدە چىڭ ساقلاپ كەلگەن.

كومپارتىيە ئەزاسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ جاڭ فۇچىڭ بىزگە ئۆگىنىش ئۈلگىسى تىكلەپ بەردى. ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ ۋۇجۇدىدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ، «مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيە ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، قانچە جاپالىق - خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئالغا باسىمەن» دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە خىسلىتىنى ھېس قىلىپ، «بۇ يەرنىڭ شارائىتى ناچار، كومپارتىيە ئەزالىرى كەلمىسە، كىم كېلىدۇ» دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇش روھىنى چۈشىنىپ، «پارتىيە مېنى شۇنچە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، مەن خەلق ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىسەم، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشسا، يەنە ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ رازىمەن» دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ ساپ قەلبىنى ھېس قىلىپ، ئىلغار ئىش ئىزلارنى ئۆگىنىشنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى