تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش

ئارىدىن 64 يىل ئۆتۈپ، پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ «پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىسى» ئاخىر تېپىلدى −

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش

ئىلاۋە

بۇ يىل 95 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ فۇچىڭ سابىق غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى 359- لۈسى 718- تۇەنى 2- يىڭى 6- ليەنىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرى ئارىسىدا مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن ئۈچ قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ئالاھىدە دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن»، دەپ ئەنگە ئېلىنغان، ئىككى قېتىم «كۈرەش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. جاڭ فۇچىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئۆمۈربويى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەن، ئىش ئىزلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. قىسىمدىكى ۋاقتىدا ئۇ يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغدىغان؛ يەرلىككە بارغاندىن كېيىن، ئۇ خەلققە بەخت ياراتقان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي - ساددىلىقى، ساپلىقى، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىقى بىلەن ئېسىل كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىققان، قىسىمدىكى كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. بۈگۈن، شىنجاڭ گېزىتى ئالاھىدە خەۋەر بېرىپ، پېشقەدەم قەھرىماننىڭ شانلىق يىللىرىنى قايتا ئەسلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى يولداش جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىشكە، قەھرىماننىڭ ئىزىدىن ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ھېس قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ لۇ

6- ئاينىڭ 15- كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لەيفېڭ ناھىيەلىك مەركىزىي دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانىسىدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۇەنىنىڭ جېڭۋېيى ۋاڭ يىڭتاۋ تەنتەنىلىك ھالدا بىر پارچە سارغىيىپ كەتكەن رەڭسىز سۈرەتنى «دەۋر ئۈلگىسى» جاڭ فۇچىڭنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

سۈرەتتىكى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر ياش ئوفىتسېر ئىدى، جاڭ فۇچىڭ سۈرەتنى تۇتقىنىچە ئۈن - تىنسىز تىكىلىپ تۇردى، بىر ئازدىن كېيىن كۆز چاناقلىرى نەمدىلىشكە باشلىدى. ئۇ تىترىگەن ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىزچىل جىداۋيۈەن شياۋ يوۋئېننى قايتا كۆرگۈم بار ئىدى، ئۇ مېنىڭ پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىم، مەن ئۇنىڭ تەلىمىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايمەن: مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن».

 «پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىم بىلەن بىر كۆرۈشەلىسەم ياخشى بولاتتى»

بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرى، ۋاڭ يىڭتاۋ 2- قېتىم لەيفېڭ ناھىيەسىگە كېلىپ جاڭ فۇچىڭنى يوقلىدى ھەم پېشقەدەم قەھرىمانغا دوكلات قىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، بۇ تۇەن «359- لۈنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرىنى ئىزدەش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 359- لۈنىڭ تېخىمۇ كۆپ پېشقەدەم ئەسكىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى تۇەن تارىخىغا كىرگۈزۈپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ روھىدىن تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

«ئارىدىن بەك ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەچكە، كونا قىسىمدىكى ناھايىتى كۆپ كىشىنى ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن، لېكىن، مېنىڭ پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىمنىڭ ليەندۈينىڭ جىداۋيۈەنى شياۋ يوۋئېن ئىكەنلىكى باشتىن - ئاخىر ئېسىمدە، ھايات چېغىمدا ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرۈشەلىسەم ياخشى بولاتتى» دېدى جاڭ فۇچىڭ ۋاڭ يىڭتاۋغا.

ئۇرۇش يىللىرىدا، جاڭ فۇچىڭ ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئەسكەرلىككە تۇتۇلغان ھەم قاماپ قويۇلۇپ پارچە - پۇرات ئىشلارنى قىلغان، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.

1948- يىلى 3- ئايدا، ۋازىجيې جېڭىدە جاڭ فۇچىڭ «ئازاد قىلىنغان»، ئۇ ئۆيىگە قايتىشنى تاللىماي، ئەكسىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى 359- لۈ 718- تۇەن 2- يىڭ 6- ليەنىنىڭ جەڭچىسى بولغان. «مەن بۇرۇنلا ئازادلىق ئارمىيەنى بىلەتتىم، ئۇلار ئاممىنىڭ يىپ - يىڭنىسىنىمۇ ئالمايدۇ، ئاممىنىڭ نەرسىلىرىنى ئىشلەتسە چوقۇم ۋاقتىدا قايتۇرىدۇ، ئۇلار جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئامما ئارىسىدا ئىنتايىن يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. مېنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىممۇ پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى» دېدى جاڭ فۇچىڭ.

ليەندۈيدە، جىداۋيۈەن شياۋ يوۋئېن دائىم جاڭ فۇچىڭغا ئاڭقىرالمىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرەتتى، تۇرمۇشتا ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. «ليەندۈي ھەر قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، جىداۋيۈەنگە ئوخشاش مۇشۇنداق كومپارتىيە ئەزالىرى ھەمىشە ئالدىدا ھۇجۇمغا ئۆتەتتى، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە مەن باتۇرلۇق بىلەن تىزىملىتىپ زەربىدارلار ئەترىتىگە قاتناشتىم» دېدى جاڭ فۇچىڭ.

قوشۇنغا كىرگەن تۆت ئاي ۋاقىتتا، جاڭ فۇچىڭ نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇشنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى، ئۇ جەڭدە باتۇر بولۇپ، ھەر قېتىم دېگۈدەك جەڭگە قاتناشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى، شۇڭا نۇرغۇن تۆھپە ياراتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جاڭ فۇچىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە تەشكىلىگە يېقىنلىشىپ، كېيىن شياۋ يوۋئېننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.

«64 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن شياۋ جىداۋيۈەننى يەنىلا ئەسكە ئالالايمەن، ئۇ مېنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتىمدىكى يول باشلىغۇچىم. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم بار، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بىر پارچە سۈرىتىنى كۆرسەممۇ بولاتتى» دېدى جاڭ فۇچىڭ.

 «ئۇنىڭ سۈرەتنى كۆرۈپ ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئېسىگە ئالالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»

جاڭ فۇچىڭنىڭ پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىسى شياۋ يوۋئېننى ئېسىدىن چىقارمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ۋاڭ يىڭتاۋنىڭ كۆڭلىدە بىر ئوي پەيدا بولدى، ئۇ شياۋ يوۋئېننى ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تېپىپ، جاڭ فۇچىڭنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.

ۋاڭ يىڭتاۋ دەرھال قىسىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، كوماندىر - جەڭچىلەرگە تۇەن تارىخىدىن شياۋ يوۋئېننىڭ ئۇچۇرىنى ئىزدەپ تاپقۇزدى.

تۇەن تارىخىدا خاتىرىلىنىشىچە، شياۋ يوۋئېن سابىق 718- تۇەن 2- يىڭ 6- ليەننىڭ جىداۋيۈەنى بولۇپ، 1955- يىلى شۇ جايدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بىڭتۇەن 1- شىسىدا خىزمەت قىلغان ئىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن شياۋ يوۋئېن توغرىسىدا ھېچقانداق خاتىرە يوق ئىدى. ۋاڭ يىڭتاۋ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە شياۋ يوۋئېننى ئىزدەش ئۇچۇرى ئېلان قىلدى. 359- لۈ روھىي كېسەللەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رېن شىننۇڭ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن ۋاڭ يىڭتاۋغا شياۋ يوۋئېننىڭ ئىلگىرى تارىم داشۆسىدە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

كوماندىر - جەڭچىلەر دەرھال تارىم داشۆسىنىڭ ئارخىپخانىسىغا بېرىپ ئىزدىدى. نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللارنىڭ تېپىلىشىغا ئەگىشىپ، شياۋ يوۋئېننىڭ ئۇچۇرى بارغانسېرى ئېنىق بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ھازىر قەيەردىلىكىنى بىلگىلى بولمىدى.

كوماندىر - جەڭچىلەر قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، بىر جەڭچى ۋاڭ يىڭتاۋغا تېلېفون بېرىپ، شياۋ يوۋئېننىڭ ئۆزىنىڭ تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى، نەچچە يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قىزى شياۋ جىننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ يىڭتاۋ دەرھال شياۋ جىننىڭ ئۆيىگە ئۇنى زىيارەت قىلغىلى باردى.

شياۋ جىننىڭ ئۆيىدە بىر ئالبوم ساقلانغان بولۇپ، ئالبومدا ئاتا - ئانىسىنىڭ ياش ۋاقتىدا ھەربىي فورما كىيىپ چۈشكەن سۈرىتى بار ئىدى، سۈرەت سارغىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.

پاراڭلىشىش داۋامىدا، ۋاڭ يىڭتاۋ جاڭ فۇچىڭنىڭ ئارزۇسىنى ئېيتتى: «پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىم بىلەن كۆرۈشكۈم بار، پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەلىگەنلىكىگە رەھمەت».

«شۇنچە كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، جاڭ فۇچىڭ دادامنىڭ ئۆزىنىڭ پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى يەنىلا ئەستىن چىقارماپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئۆمۈر مۇستەھكەم ئىشەنچ بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغان مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى. ئۇنىڭ سۈرەتنى كۆرۈپ ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئېسىگە ئالالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى شياۋ جىن.

كوماندىر - جەڭچىلەر لەيفېڭ ناھىيەسىگە كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، شياۋ جىن ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قەغەز كونۋېرت ياساپ، دادىسى شياۋ يوۋئېننىڭ سۈرىتىنى سېلىپ، يۈزىگە: «جاڭ فۇچىڭ تاغا، مەن دادامنىڭ سۈرىتىنى سىزگە ھەدىيە قىلىمەن، سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزاق، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» دەپ يازدى.

 «مەڭگۈ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن»

6- ئاينىڭ 15- كۈنى، ۋاڭ يىڭتاۋ شياۋ يوۋئېننىڭ سۈرىتىنى رەسمىي يوسۇندا جاڭ فۇچىڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

جاڭ فۇچىڭ قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ لەيفېڭ ناھىيەسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ شياۋ يوۋئېننى كۆرۈپ باقمىغانىدى. كونا سەپدىشىنىڭ سۈرىتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇ سۈرەتتىكى بۇ ياشنىڭ شياۋ يوۋئېن ئىكەنلىكىنى تونۇيالمىدى. ئوغلى جاڭ جيەنچۈەن ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ شياۋ يوۋئېن، سىزنىڭ جىداۋيۈەنىڭىز، سىزنىڭ پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىڭىز، ئۇ ۋاپات بوپتۇ».

جاڭ فۇچىڭ بىر ئاز ئىككىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، كۆزىگە ئىختىيارسىز ھالدا ياش ئالدى.

«مەن ئۇنىڭ كونا قىسىمدىكى خېلى كۆپ كىشىنى ئەسلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، بىراق ئۇ پارتىيەگە كىرىش تونۇشتۇرغۇچىسىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىدى» دېدى جاڭ جيەنچۈەن.

ئازادلىق ئۇرۇشىدا، جاڭ فۇچىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى بويىچە بىر قېتىم ئالاھىدە دەرىجىلىك خىزمەت، جۈن بويىچە بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت، شى بويىچە بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت، بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت، تۇەن بويىچە بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ھەم جۈن بويىچە كۈرەش قەھرىمانى نامىغا ۋە شى بويىچە كۈرەش قەھرىمانى نامىغا ئېرىشكەن، 1950- يىلى غەربىي شىمال ھەربىي - مەمۇرىي كومىتېتى تارقاتقان خەلق تۆھپىكارى ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

1954- يىلى 12- ئايدا، جاڭ فۇچىڭ مەدەنىيەت تېز پۈتكۈزۈش مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كۆپ خىل تاللاش يولى بار ئىدى: چوڭ شەھەرلەردە قالسا ياكى يۇرتى شەنشىگە قايتىپ كەتسە بولاتتى، تەشكىل ئۇنى ئىزدەپ سۆزلەشكەندە، ئۇ پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، غەربىي خۇبېينىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئەڭ چەت، ئەڭ نامرات بولغان لەيفېڭ ناھىيەسىگە بېرىشنى قارار قىلدى. شۇ ئىشلىگەنچە بىر ئۆمۈر ئىشلەپ، يۇرتىغا قايتىپ باقمىدى ھەم كونا سەپداشلىرىنى يوقلاشقا پۇرسەت بولمىدى.

«مەن كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيە مېنى نېمە ئىش قىل دېسە مەن شۇنى قىلىمەن، جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈشتىنمۇ قورقمايمەن، جاپادىن قورقۇپ نېمە كەپتۇ!» شۇ يىللاردىكى قارارىنى تىلغا ئالغاندا، جاڭ فۇچىڭنىڭ تاكى بۈگۈنگىچە پوزىتسىيەسى يەنىلا قەتئىي ئىدى.

لەيفېڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغاندا، جاڭ فۇچىڭ باشتىن - ئاخىر ھەربىيچە قىياپىتىنى ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شارائىتى ئەڭ جاپالىق، ئەڭ نامرات تاغلىق رايونغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى، جاڭ فۇچىڭ يىل بويى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ يول ياسىدى.

جاڭ فۇچىڭ مۇنداق دېدى: «قەلبىم قانائەت ۋە مىننەتدارلىققا تولدى. ئۇرۇش يىللىرىدا، سەپداشلىرىم بىر - بىرلەپ قۇربان بولدى، ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، مەن بەختلىك. مەن ئەينى يىلىدىكى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەڭگۈ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى