تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سانجى ئوبلاستى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلدى

ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش

سانجى ئوبلاستى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2019 جۇڭگو ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپى (شىنجاڭ) تەرەققىياتى يىغىنىنىڭ تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدىكى شىنجاڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەم ئېلىپ داۋالىنىش بويىچە ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىق كۈتۈنۈش، ساياھەت ئىستىراھىتى، داۋالاش مۇلازىمىتى، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، پەن - تېخنىكا ئۇچۇرى قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈردىكى 160 سودىگەر چاقىرىش تۈرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلدى، پىلانلانغان ئومۇمىي مەبلەغ 101 مىليارد 948 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش باغچىسى تۈرى، ماناس ۋەنخې قىزىل ھاراق قورۇقى تەرەققىيات تۈرى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چۈەنزىجيې ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئېچىش - قۇرۇش تۈرى، فۇكاڭ شەھىرىنىڭ تىيانشان دېڭىز - ئوكيان سۇ دۇنياسى تۈرى قاتارلىق كۆپلىگەن مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە نەق مەيداندا ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە مۇددىئانامە ئىمزالاندى، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 2 مىليارد 120 مىليون يۈەنگە يەتتى.

2016- يىلى 6- ئايدا، ئاپتونوم رايون سانجى شەھىرى، نىلقا ناھىيەسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسىنى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ساغلاملىق كۈتۈنۈش ساياھىتىنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش رايونى قىلىپ بېكىتتى. سانجى ئوبلاستى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «سانجىنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش مەنزىرىلىك جاي داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولغا قويۇش پىكرى» ھەم مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى كۈتۈنۈش، كۆڭۈل ئېچىش، ياشانغانلارنى كۈتۈشنى يادرو قىلىپ، ساغلاملىق كۈتۈنۈش بىلەن داۋالاش، ساياھەت، مەدەنىيەت، يېزا ئىگىلىكى، يەرلىك مەھسۇلات قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى كۈندىن - كۈنگە مۇكەممەللەشتى.

«بۈگۈن بېلىم سەل ئاغرىپ تۇرىدۇ، چۈشتە ماڭا تاماق ئېتىپ بېرىدىغانغا بىرەر ئادەم چاقىرتايمىكىن.» 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، ماناس ناھىيەسى يۈەنلىن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى چېن ليەنشيۇ، «بىر كۇنۇپكا بىلەن ياشانغانلار مۇلازىمىتىنى زاكاز قىلىش ماشىنىسى» ئارقىلىق «ساغلاملىق كۈتۈنۈش بۇلۇتى» مۇلازىمەت سۇپىسىغا تېلېفون قىلدى. ئون مىنۇتتىن كېيىن، چېن ليەنشيۇنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقى سايراپ، بېشىغا كىچىك قىزىل بۆك كىيگەن، ئۇچىسىغا قىزىل جىلىتكە كىيگەن ما جيېلىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

2017- يىلى 7- ئايدا، ماناس ناھىيەسى 16 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ «ئالاقە تورى + ياشانغانلارنى كۈتۈش» ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەت تۈرىنى باشلاپ، كەسپىي ئاپپاراتلارنى كىرگۈزۈپ، ھويلا تېمى يوق ياشانغانلار ساناتورىيەسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 27 مىڭ ياشانغان كىشىنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش، ياشانغانلارنى كۈتۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ، بىر ئۇچى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا چېتىلىدۇ. دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە سانجى ئوبلاستىنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش سىياسىتىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سانجى ئوبلاستى ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ سېلىنما سۇبيېكتى تەدرىجىي ھالدا ھۆكۈمەت تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ كۆپ مەنبەلىك قاتنىشىشىغا ئۆزگەردى. فۇكاڭ شەھەرلىك ۋۇجياڭ . تىيانشان ئارشىڭى خەلقئارالىق ئارامگاھ رايونى، شىنجاڭ ئېكولوگىيەلىك ساغلاملىق كۈتۈنۈش ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەرچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىستىقبالى پارلاق، يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان ساغلاملىق كۈتۈنۈش تۈرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇرۇلدى.

سانجى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى كۇنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپى تەرەققىياتى (شىنجاڭ) مۇنبىرى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، سانجى ئوبلاستى بۇنى پۇرسەت بىلىپ، رايون ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «داۋالاش - كۈتۈنۈش» «ساياھەت - كۈتۈنۈش»تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ موتورنى چۆرىدەپ، داۋالىنىش ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، يېزا ئىگىلىكى ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، ساياھەت ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، ساغلاملىق كۈتۈنۈش يەرلىك مەھسۇلاتىدىن ئىبارەت بەش چوڭ كەسىپنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىرىشىپ ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپىنى مەۋقەنى شىنجاڭغا قويغان، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ساغلاملىق كۈتۈنۈش كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى موتور بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى