تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە تېخىمۇ بىخەتەر قايتتى، مەكتەپكە قايتىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشىغا پۇختا، ياخشى مۇلازىمەت قىلدى

ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە تېخىمۇ بىخەتەر قايتتى، مەكتەپكە قايتىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: «ئىلگىرى چوڭ - كىچىك يۈك - تاقلارنى ئېلىپ ۋوگزالدىن چىقىپ، قايتا 2- قېتىم ۋوگزالغا كىرىپ بېلەت تەكشۈرتەتتۇق، بۇ يىل مەيلى ۋوگزالغا كىرىش - چىقىشتا بولسۇن ياكى بېلەت چىقىرىشتا بولسۇن كۆپ قولايلىشىپتۇ.» 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، يازلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتقان چاغدىكى پويىزغا ئولتۇرۇش تەسىراتى توغرىسىدا توختالغاندا، مەكتىپىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋۇخەن شەھەرلىك خەنتيې تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەربىيە نۇرمەمەت باشقىچە ئازادىلىك ھېس قىلدى.

بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، مەربىيە ۋۇخەندىن يولغا چىقىپ، 7- ئاينىڭ 3- كۈنى ئەتىگەندىلا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە پويىز كۈتۈش زالىغا كىردى، ئارقىدىنلا شۇ كۈنى سائەت 12دىكى ئۈرۈمچىدىن غۇلجا شەھىرىگە بارىدىغان پويىزغا ئالمىشىپ، شۇ كۈنى كەچتىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولدى.

ئوخشاشلا ئازادىلىك ھېس قىلغانلاردىن يەنە ۋوگزالغا كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىشقا چىققان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت - ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ۋوگزالدا كۈتۈۋالغۇچى خادىملىرىمۇ بار ئىدى. «ۋوگزالدا كۈتۈۋېلىش ئەمدى ۋىلايەت، ئوبلاست بويىچە ئايرىلماي، بەلكى ئارىلاش سەپ تۈزۈلدى، مەسىلەن، ئاتا - ئانىلار ۋوگزالدا كۈتۈۋېلىش، شۇ كۈنى ئوتتۇرا بېكەتتە ئالمىشىش، ئەتىسى ئوتتۇرا بېكەتتە ئالمىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈركۈمگە ئايرىلدى. بۇنىڭدا ئۈنۈم ئېشىپلا قالماي، يەنە بىز خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت مىقدارىمۇ يېنىكلىدى.» قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ۋوگزالدا كۈتۈۋېلىشقا مەسئۇل خادىمى پەن دېپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى يىللاردا ۋوگزالدا كۈتۈۋېلىشقا ئالتىدىن سەككىزگىچە خىزمەتچى خادىم كېتەتتى، بۇ يىل پەقەت ئىككىلا خىزمەتچى خادىم بولسىلا بولىدىغان بولدى».

يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىگە چېتىلىدىغان تارماقلار كۆپ، ئۆلكە، شەھەرلەر كۆپ، توشۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، ھەر يىلى ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ھەممىسى زور تۈركۈمدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە كادىرلارنى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىشقا تەشكىللەشكە تاللاپ ئەۋەتەتتى.

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش شەكلىنى ئىجادىي تۈزىتىشنى قارار قىلدى.

بۇ يىل يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ نازارىتى ۋاقتىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، مەكتەپكە قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېلەت ئېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى ھەم مەخسۇس مۇلازىمەت نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېلەت ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلدى. مائارىپ نازارىتى ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى ۋوگزالدا كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىش، ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ كەسپىي، تېخىمۇ يېقىشلىق قىلدى.

مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش، پويىزغا ئولتۇرۇش، توشۇش ۋە ئوتتۇرا بېكەتتە ئالمىشىش قاتارلىق ھالقىلارنى چۆرىدەپ بىر قاتار ئىجادىي تەدبىرلەرنى قوللاندى، ئىلگىرىكى «بولۇشىغا ئۈستىگە ئېلىۋېلىش» مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى «ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىش، ئوقۇغۇچىلار ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىش» يېڭى ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋوگزالدا كۈتۈۋېلىش ھالقىسىدا، مائارىپ، تۆمۈريول تارماقلىرى ۋە يەرلىكتىكى باشقۇرۇش كومىتېتلىرى ۋوگزالدا بىرتۇتاش خىزمەت مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش - ئۇزىتىش، ئوتتۇرا بېكەتتە ئالمىشىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئانىلار، مەكتەپلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

«ئىچكىرىدىكى سىنىپ تەسىس قىلغان مەكتەپلەر ئەمدى زور تۈركۈمدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭغا قايتىشقا ئورۇنلاشتۇرمايدىغان بولدى، بەلكى ئوقۇغۇچى كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پويىزغا ئولتۇرۇش تەرتىپىنى قوغدىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل بىز يەنە <تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى> ۋە ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىللىك لېكسىيە سۆزلەش مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يولدا يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىچكىرىدىكى ئوقۇش، ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يولۇچىلارغا يۇرتىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدۇق» دېدى مائارىپ نازارىتى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ دېڭۋېي تونۇشتۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى