تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بارلۇق تېغىنى چىڭ ساقلاش ئەسلىي مەقسىتى

− مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى مېي ليەن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن

مېي ليەن چوڭ تاغ ئىچىدىكى بىر دوختۇر − قازاق مىللىتىدىن بولغان چارۋىچىلار ئاقىنلار ئېيتىشىشى شەكلىدە ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى مەدھىيەلىدى؛ بىڭتۇەن چېگرا ليەندۈيىنىڭ داۋالاش ئۆيىدىكى بىر ئايال دوختۇر − ليەندۈيدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بەس - بەستە مۇخبىرغا ئۇنىڭ تېببىي ئەخلاقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئاساسىي قاتلام تۇەنچاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ئىلگىرىكى بۇ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، چېگرانى ساقلاپ كېسەل داۋالاش مېنىڭ ئەسلىي مەقسىتىم ۋە بۇرچۇم!»

ھازىر بىڭتۇەن 9- شىسى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان مېي ليەن مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئەينى چاغدا جۇڭگو تېبابىتىنى ئۆگىنىپ «يالاڭ ئاياغ دوختۇر» بولۇشۇم تاغدىن ماتېرىيال تېپىپ ئۆسۈملۈك دورىسى ياسىغىلى بولىدىغانلىقى، پۇل ئالماي يىڭنە سانجىپ كېسەل داۋالاپ، تۇەنچاڭدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.

ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ياخشى دوختۇر

مېي ليەن بارلۇق تېغىدا تۇغۇلغان ئىككىنچى ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا 9- شى 161- تۇەندە تۇرمۇش كەچۈرۈپ چوڭ بولدى.

ئەينى يىللىرى چەت، يىراق بارلۇق تېغى رايونىدا، بىر قېتىملىق ئادەتتىكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. تاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يەنە تارتماسلىقى ئۈچۈن، مېي ليەن ئۆزلۈكىدىن جۇڭگو تېبابىتىنى ئۆگىنىش يولىدا مېڭىش قارارىغا كەلدى.

مېي ليەن كۈندۈزى تاغقا چىقىپ ئەمگەك قىلسا، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، كىرسىن چىراغ يېقىپ، خىرە چىراغ نۇرىدا تېببىي كىتابلارنى جاپالىق ئۆگەندى. توپتوغرا ئۈچ يىلدا، مېي ليەن «جۇڭگو تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيەسى» قاتارلىق ئون نەچچە جۇڭگو تېبابىتى ئەسىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتى.

1987- يىلى يازدا، 161- تۇەن 9- ليەندىكى بىر جۈپ ئەر - خوتۇن يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قالدى، سەھىيە خادىمى سىرتقا چىقىپ كەتكەچكە، ليەنجاڭ تىت - تىت بولغان ھالدا مېي ليەننى ئىزدەپ كەلدى. مېي ليەن دەرھال بېرىپ بۇ ئەر - خوتۇننىڭ كېسەل ئالامەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تەرتىپ بويىچە قۇتقۇزۇپ داۋالاشقا باشلىدى... تۇنجى قېتىم داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاغرىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپ ساقايتقان مېي ليەن تەدرىجىي ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشىنىدىغان ليەندۈي دوختۇرىغا ئايلاندى.

تاغ ئىچىدە يۈرۈپ دوختۇرلۇق قىلغاندا، ئويلاپ باقمىغان ھەر خىل كېسەللەر ئۇچرايدۇ، ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم، ئاياللار بۆلۈمى، بالىلار بۆلۈمىدىن ئىبارەت ھەرقايسى بۆلۈملەردىكى كېسەللەرنىڭ ھەممىسىگە پىششىق بولۇش كېرەك. داۋالاش تېخنىكىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مېي ليەن ئىچكىرىدىكى جۇڭگو تېبابىتى داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ داۋاملىق ئوقۇدى، يەنە غەرب تېبابىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىپ، يەرلىك تارقىلىشچان كېسەللەرنى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى... داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ دائىم كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كېسەللەرنى داۋالاپلا قالماي، يەنە بەزى جاھىل كېسەللەرنىمۇ داۋالىيالايدىغان بولدى.

دوختۇر بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەخلاق يېتىلدۈرۈش كېرەك

ليەندۈي ئەتراپىدىكى نەچچە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان تاغ ئويمانلىقىدا قازاق مىللىتىدىن بولغان چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان. قىشتا قېلىن قار تاغ يولىنى توسۇۋالغاندا تاغدىن چىققىلى بولمايتتى، كېسىلى ئېغىرلاشقاندا چارۋىچىلار مېي ليەندىن ياردەم سورايتتى، مېي ليەنمۇ چاقىرغان ھامان يېتىپ كېلەتتى. موتوسىكلىت مىنىش، نەچچە سائەتلەپ ئات مىنىش، ھەتتا ئون نەچچە كىلومېتىرلىق تاغ يولىنى پىيادە مېڭىش، بۇلار مېي ليەنگە ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغانىدى.

چارۋىچى داكېن تالداۋنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 2005- يىلى 2- ئايدا، ئۇنىڭ ئون ئايلىق نەۋرىسى ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قېلىپ، خوتۇنى، كېلىنى بالىنى كۆتۈرۈپ بەش - ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 9- ليەنگە بېرىپ مېي ليەننى ئىزدىگەن. شۇ چاغدا قېلىن قار تاغ يولىنى توسۇۋالغان، بالا تارتىشىپ قالغان، خوتۇنى تىت - تىت بولغانلىقتىن ئېغىزىغا قاپارتما چىقىپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن. مېي ليەن بالا كىچىك، كېسىلى ئېغىر، ئەكىلىپ - ئەكىتىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئىككىلەنمەيلا بىر ئېغىز ئۆينى ئۇلارغا بوشىتىپ بەرگەن، چوڭ - كىچىك ئۈچەيلەن مېي ليەننىڭ ئۆيىدە ئون كۈن تۇرغان.

بىر قېتىم كېسەل كۆرۈپ بولغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى، قىسقا يەڭ كوپتا كىيىپ ئات مىنگەن مېي ليەن سەل توڭلىغاندەك ھېس قىلىپ، ئېگەر ئاستىدىن كىيىم ئالماقچى بولغاندا ئات ئۈركۈپ كەتتى. مېي ليەننىڭ بىر پۇتى ئۈزەڭگىگە ئىلىنىپ قېلىپ، ياۋا تىكەنلىكتە نەچچە ئون مېتىر يەرگىچە سۆرۈلۈپ ماڭدى. چارۋىچىلار ئۈركۈپ كەتكەن ئاتنى جېنىنىڭ بارىچە توسۇۋالغاندا، ئۇنىڭ دۈمبىسى، پۇتلىرى سۈرۈلۈپ گۆشلىرى تىتىلىپ كەتكەنىدى.

چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى تاغ باغرىدا ئولتۇرىدۇ، ئات تاغ ئىچىگە كىرىپ چىقالايدىغان بىردىنبىر قاتناش قورالى، ئات مىنمەي چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى قانداقمۇ كۆرگىلى بولسۇن؟ يارىسى ساقايغاندىن كېيىن، مېي ليەن داۋاملىق يولغا چىقتى. مېي ليەن مۇنداق دېدى: «مەن گەرچە يارىلانغان بولساممۇ، لېكىن چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن».

ليەندۈيدە خىزمەت قىلغان ئاشۇ يىللاردا، تۇرمۇشى ئانچە باياشات بولمىغان مېي ليەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە چارۋىچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ئۈچۈن پۇل ئۆتنە بەردى، 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك داۋالىنىش، دورا پۇلىنى ئۆز يېنىدىن تۆلەپ قويدى.

دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىياتىغا رىشتە باغلاش

كۆپ يىللاردىن بۇيان، مېي ليەن باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تۆھپە قوشۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر يېزا - كەنت دوختۇرى، مەملىكەت بويىچە 8- مارت قىزىل بايراقدارى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

2012- يىلى، مېي ليەن 161- تۇەنچاڭ دوختۇرخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى، كەسپىي تېخنىك خادىمدىن بىر دوختۇرخانا باشقۇرغۇچىسىغا ئايلاندى، مېي ليەننىڭ ئويلايدىغان ئىشى تېخىمۇ كۆپەيدى − تېخىمۇ كۆپ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن داۋالاش تېخنىكىسىنى ھازىرلىغان تېببىي خىزمەتچىلەرنى ئاساسىي قاتلامغا تولۇقلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ليەندۈيدىكى ئىشچى - خىزمەتچى، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ ئىش.

مېي ليەننىڭ قەتئىي بوشاشماي تىرىشىشىدا، 2014- يىلى 7- ئايدا، شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى يازلىق تەتىلدە 161- تۇەندە ئاساسىي قاتلام داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئارقىدىنلا، 2015- يىلى 10- ئايدا، شىخەنزە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا 161- تۇەنچاڭدا شۆبە دوختۇرخانا تەسىس قىلدى، يىلدا تۆت - بەش مۇتەخەسسىس تۇەنچاڭ دوختۇرخانىسىدا ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلدى، مېي ليەننىڭ كۆڭلىمۇ بارغانسېرى خاتىرجەم بولدى.

بۇ يىل 7- ئايدا، مېي ليەن 9- شى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، يېڭى خىزمەت ئورنىدا ئۇ يەنىلا ئىشەنچكە تولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر كومپارتىيە ئەزاسى يۈز ھەسسە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا، بارلىق مېھىر - مۇھەببىتى ۋە چىن ھېسسىياتىنى كەسىپكە سىڭدۈرسىلا، چوقۇم ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى