تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەيمەن»

− رىجاۋ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دىڭ خۇي توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

93 شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى، 1 مىليارد 13 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى...كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بۇ سانلار رىجاۋ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا دىڭ خۇينىڭ رىجاۋ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقى ۋە ئەجرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

«چىلان ماكانى» چىلانلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى

«چىلانلىرىمنى ساتالماسلىقىمدىن ئەمدى ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم، بۇ يىل چىلانلىرىمنى چوقۇم يەنە ياخشى باھادا ساتالايمەن» دېدى مەكىت ناھىيەسى تۈمەنتال يېزىسىنىڭ تۈمەنتال كەنتىدىكى چىلانچى دېھقان ھەسەن مامۇت ھاياجانلانغان ھالدا.

مەكىت ناھىيەسى «چىلان ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، چىلان تىكىلگەن كۆلەم 560 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق ھوسۇلى 230 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ، چىلاندىن قىلىنغان كىرىم پۈتۈن ناھىيە كىشى بېشى كىرىمىنىڭ %47ىنى ئىگىلەيدۇ. قانداق قىلغاندا مەكىت چىلىنىنى ھەقىقىي تۈردە چىلانچى دېھقانلارنىڭ «بەخت چىلىنى»غا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ دىڭ خۇي بۇ ھەقتە ئويلىناتتى، ئىزدىنەتتى.

بىر قېتىم، بېيجىڭغا كاماندىروپكىغا چىققان دىڭ خۇي رىجاۋ شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ دەم ئېلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجوۋ شەھىرىدە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ساڭجوۋغا بېرىپ، كارخانىچىلارنى مەكىتكە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

«بىز بارلىق ئەزالار سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ <ئىشتات سىرتىدىكى خادىملىرى>» دېدى بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن دىڭ خۇي كۈلۈپ تۇرۇپ. ساڭجوۋدىكى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن كېيىن، مەنجياڭخۇڭ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 15 كارخانا مەكىتكە ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشكە جەلپ قىلىندى.

2014- يىلى، رىجاۋ پورت (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ رىجاۋ ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىدا 37 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يىلىغا 2000 توننىدىن ئارتۇق چىلان پىششىقلايدىغان زاۋۇتتىن بىرنى قۇردى. 2018- يىلى، دىڭ خۇينىڭ تىرىشچانلىقىدا، رىجاۋ پورت (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى يەنە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چىلان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق ئامبار، زاپاس ساقلاش ئامبىرى ھەم ئەشيا ئوبوروتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان مەكىت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا باغچە رايونىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، «چىلان ماكانى» چىلانلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.

كەسىپ يۆنىلىشى «نامراتلارنى يۆلەش ئېففېكتى»نى گەۋدىلەندۈردى

سەھەردىكى مەكىت ئۇيقۇدىن ئويغاندى، قاقشال كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ ۋۇجېڭ يېشىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 40 مىڭ مولۇق يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە بازىسىدا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى.

مەركەزلىك تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، گۈل - گىياھ كۆچەتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ھەمدە توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان بۇ شەندۇڭ كارخانىسى شۇ جايدىكى دېھقانلارنى بىۋاسىتە 300دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، 500دىن ئارتۇق كىشىنى پەسىللىك ئىشلەتتى، يىلىغا 8 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 140تىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا دەل جايىدا ياردەم بەردى، يۆلىدى.

نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ ئىدىيە دىڭ خۇينىڭ خىزمىتىدە تولۇق گەۋدىلەندى.

ئەمەت ئەخەت مەكىت ناھىيەسىنىڭ شىيىتدۆڭ يېزىسى قاقشال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، شەندۇڭ ۋۇجېڭ گۇرۇھى قاقشال كەنتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېچىپ قۇرغان 10 مىڭ مولۇق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئاكا - ئۇكا ئۈچەيلەن دېھقانچىلىق قىلاتتى، ئەمما، ۋۇجېڭ گۇرۇھىنىڭ 10 مىڭ مولۇق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

«ھازىر بىز ئاكا - ئۇكا ھەممىمىز ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئىشلەۋاتىمىز، ھەربىرىمىز ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز» دېدى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئىشلەۋاتقان ئەمەت ھاياجانلانغان ھالدا. بۈگۈنكى كۈندە، ئەمەت ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە تاتلىق تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى.

قاقشال كەنتىدە، ئەمەتكە ئوخشاش ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئىشلەۋاتقانلاردىنلا 300 نەچچە كىشى بار بولۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ئاشتى، قاقشال كەنتى بىردىنلا مەكىت ناھىيەسىدىكى «چولپان كەنت»كە ئايلاندى.

«بىر چوڭ تۈرنى كىرگۈزۈپ، بىر چوڭ كەسىپكە تۈرتكە بولۇش» ئىدىيەسىدە دىڭ خۇي رىجاۋ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن جىنشېڭ گۇرۇھى، مەيتېڭ چارۋىچىلىقى، لىسېن يۈەنجياڭ يېڭى ماتېرىياللىرى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ 36 تۈرىنى باغچە رايونىدا ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشكە جەلپ قىلدى، ئومۇمىي سېلىنمىنى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 4800دىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىردى

«ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىمەن، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەيمەن.» دىڭ خۇي مۇشۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى.

مەكىت ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالە ئەڭ كۆپ بولغان تۈمەنتال يېزىسىنىڭ تۈمەنتال كەنتىدە دىڭ خۇي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن بىللە «يېزا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، يېڭىلىق ياراتتى، رىجاۋ شەھىرى لەنشەن رايونىنىڭ بۇ كەنت بىلەن بولغان قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمىنىڭ قوللىشىدا، چارۋىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يەم - خەشەك پىششىقلاش قاتارلىق بەش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە بىر چىلان پىششىقلاش زاۋۇتى، ئىككى يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرى قۇرۇپ چىقتى. يېزا بېيىش باشلامچىسىدىن توققۇز كىشىنى يېتىشتۈرۈپ، 106 كىشىنى كوپىراتىپ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلدى، 57 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، يىللىق كىشى بېشى كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولدى. 2018 - يىلى، بۇ كەنتتىكى 282 ئائىلىدىكى 938 كىشىنىڭ سىجىل مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەنت بويىچە نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىش نىشانى ئورۇندالدى.

بۇلا ئەمەس، دىڭ خۇي يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن بىللە «ئۈچ دەرىجىلىك ھاۋالىلىك باشقۇرۇش»تەك ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ كەنت دەرىجىلىك دېھقانلار ئىگىلىك تىكلەپ يېتىلدۈرۈش بازىسى بەرپا قىلدى؛ رىجاۋ شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىكى ئون نامرات كەنت بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشى - يۆلىشىنى ماسلاشتۇردى؛ «بەشنى يېتىلدۈرۈش، بىرنى يېتەكلەش» يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندى؛ تور خالتا پىششىقلاش «باغچە رايونىدىكى شىركەت + ھەمراھ زاۋۇت + ئائىلىۋى سېخ» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى