تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يان تېلېفوننى كۆپ ئوينىغاندا، چاچ تېز چۈشۈپ كېتىدىكەن

  مېتروغا ئولتۇرغاندا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن، خىزمەت بوش ۋاقىتلىرىدا ...... كىشىلەر بىكار بولسىلا يان تېلېفونىنى چىقىرىپ يېڭى ئىشلارنى كۆرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان، يان تېلېفوننى كۆپ ئوينىغاندا مۈرە-بويۇن تېلىپ ئاغرىپ، كۆز ئېچىشىدۇ، لېكىن سىز يان تېلېفون ئوينىسا چاچ چۈشىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ياپونىيە ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى «ھاياتىي كۈچ ئىشىكى» بۇنىڭ ئىچىدىكى قائىدىنى ئېچىپ بەردى.

    مۈرە-بويۇن بەدەندىكى قان تومۇر بىلەن باش قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول. مۈرە-بويۇن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىسا، بۇ يەردىكى قان تومۇرلار بېسىلىپ، قان ئايلىنىشنىڭ تەبىئىي تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قاننى باش قىسمىغا يەتكۈزىدىغان ئوكسىگېن، ئوزۇقلۇقمۇ ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالماي، بۇ، چاچ ساغلام ئۆسمەسلىك، چاچ سارغىيىش، چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    شۇڭا تۆۋەندە بىر قانچە ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئالدى بىلەن مۈرە-بويۇننىڭ تېلىپ ئاغرىيدىغان-ئاغرىمايدىغانلىقى، چاچ چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. باش قىسمىنى ئوڭ - سولغا، ئالدى - كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بويۇننىڭ بىئارام بولغان - بولمىغانلىقىدىن جەزملەشتۈرۈش؛ مۈرە قىسمىدا بىلەكنى ئالدى-كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، مۈرىنىڭ قېتىپ قالغان - قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يان تېلېفون ئويناش، كومپيۇتېرغا قاراش ۋاقتىنى كونترول قىلسا بولىدۇ.

                                                                  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى