تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بۇ يىل تۆت كۆمۈر كاننى تاقاپ چېكىندۈرۈشنى پىلانلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: (مۇخبىر ما شىن خەۋىرى) مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز تۆت كۆمۈر كاننى تاقاپ چېكىندۈرۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 440 مىڭ توننىغا يەتكەن.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىللىق كۆمۈرچىلىك ساھەسىدە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، تاقالغان، چېكىندۈرۈلگەن كۆمۈر كانلارنىڭ ۋەزىپىسىنى بۆلۈپ بەردى. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئۈچ كۆمۈر كاننى تاقاپ ۋە چېكىندۈرگەن بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليون 290 مىڭ توننىغا يەتكەن؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى بىر  كۆمۈر كاننى تاقاپ ۋە چېكىندۈرگەن بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى  1 مىليون 500 مىڭ توننىغا يەتكەن.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ھەر قايسى كارخانىلار ئىش توختىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، ئۈسكۈنىلەرنى پېچەتلەش، چۇۋۇش، قۇدۇق كانىيىنى پېچەتلەش، كېنىشكىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن چېكىنىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  كۆمۈر كان تاقىلىپ چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن يەنە كاننىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشتە ئومۇمىي مىقدار خاراكتېرلىك ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش، سىستېما خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنى ئاساس قىلىپ، «مۇردا كارخانا»لارنى نۇقتىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىپ، ئۈنۈمسىز، تۆۋەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بازار بوشلۇقىنى ئېچىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى