تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈشتىكى يەتتە خىل ئۇسۇل

     بالىلاردىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك ؟

  1. ئىدىيىسىنى يېڭىلاش. بالىلارنۇرغۇن  تەرەپلىك «ئىستېرېئولۇق ئادەم» بولۇپ، ھەمىشە نەتىجىنى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى ئۆلچىمەڭ، ئۆسۈپ يېتىلىش نەتىجىدىنمۇ مۇھىم. ئۆگىنىشتە، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئىجابىي جەھەتتىن كۆپرەك ئىلھام بېرىشى كېرەك، ئازادە كەيپىيات بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە نومۇر قوشۇشقا پايدىلىق، ئاتا-ئانىلار ئۆگىنىشتە بالىلارنىڭ ئوي-پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، نەتىجىسى ئارقىدا قالغاندا يېغىرىغا تېگىپ مەسخىرە قىلماستىن، بەلكى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك .

  2. تالانت يېتىلدۈرۈش. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت قاتارلىق قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئالاھىدە تەربىيلەش كېرەك، چۈنكى ھەرتەرەپلىمە ماھارەتكە ئىگە بولۇش، بالىلارنىڭ قەلبىنى بېيىتىدۇ، تەبىئىيلا ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ.

  3. مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى توپلاش. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەت كەچۈرمىشلىرىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، دوستلىشىش، مۇسابىقە قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىشلىرى ئىچىدىن ئاكتىپ ئامىللارنى ئايرىپ چىقىپ، بالىلارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلاردا ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك .

  4. «مۇستەسنا» تۇرۇشىنى قېزىش. بالىلار مەلۇم جەھەتتە ئۆزىگە ئىشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغاندا، مەسىلەن، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەشتىن قورقسا، ئاتا-ئانىلار «مۇستەسنا» تۇرۇشتەك ئامالنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم بىر قېتىملىق نۇتۇق سۆزلەشتە جىددىيلەشمەي يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان كۆرۈنۈشلەرنى بىر قېتىم ئەسلىتىپ، «مۇستەسنا» تۇرۇش ئارقىلىق بالىغا ئۆزىنىڭ ئۇنچە ناچار ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك ، بالىلارنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئويلىنىشقا يېتەكلەپ: «سىز ئەينى چاغدا قانداق قىلدىڭىز؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ، پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى تەدرىجىي يەڭدۈرۈش كېرەك.

  5. سېلىشتۇرماسلىق. ئۆز بالىسىنىڭ كەمچىلىكىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇش، بالىغا نىسبەتەن ئادىل ئەمەس. توغرا ئۇسۇل بالىنى بۇرۇنقى ۋاقتىغا سېلىشتۇرۇش بولۇپ، مۇشۇ مەزگىلدە ئىلگىرىلىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇش كېرەك .

  6. ئاز ئارلىشىش. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى دوستلىشىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلھاملاندۇرسا بولىدۇ، لېكىن بالىلار ئارىسىدىكى ئالاقىگە زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك .

  7. قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق. ئۆزىدىكى نۇقسان، ئائىلە ئەھۋالى ياخشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللارنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. بەزى يېتەرسىزلىكلەر تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنى بىمالال قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى باشقا جەھەتلەردە تېخىمۇ مۇنەۋۋەر قىلىپ، بۇ ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىسا بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىغا كۆپرەك مۇھەببىتىنى بېرىپ، دائىم بالىلارنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇش، بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇش، ئۇلارنى يالغۇز ھېس قىلدۇرماسلىقى كېرەك. 

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى                                                                                                                                   

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى