تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى بايرام خاتىرىسى

  گۈلباھار قۇربان (سولدىن ئۈچىنچى كىشى)نىڭ ئالتە يېرىم ياشلىق قىزى گۈلمىرە كۆپچىلىككە يەسلىدە ئۆگەنگەن ئۇسسۇلىنى ئويناپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ، مىلا، گاۋ يۈگاڭ خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، كىشىلەر يا نەرسە-كېرەك سېتىۋالدى، يا نازۇنېمەتلەرنى تەييارلىدى، يا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىدى، ياكى ئويۇن كۆردى، ھەممىلا يەردە بايرام تۈسىگە كىردى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي تىنچلىق يولى 104-نومۇرلۇق چوڭ ھويلىدا 84 ياشلىق سۇڭ يۈخۇا، گۇيۈەنشياڭ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى، گۈلباھار قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزدى، ئالتە يېرىم ياشلىق گۈلمىرە قوغۇن ئېلىپ كېلىپ كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇندى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي تىنچلىق يولى 104-نومۇرلۇق چوڭ ھويلىدا ئولتۇراقلاشقىنىغا 15 يىل بولغان گۈلباھار قۇربان، ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى قۇرۇق يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن پىستە، بادام قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى سېتىۋالدى، بۇنىڭغا سېلىپ قويغان ماخارلارنى قوشۇپ، مېھمانخانىدىكى ئۈستەلنى لىق توشقۇزدى. چۈشتە ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قوشنىسى، 84 ياشلىق سۇڭ يۈخۇا قوغۇن ۋە توغاچلارنى ئېلىپ كەلدى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي تىنچلىق يولى 104-نومۇرلۇق چوڭ ھويلىدا، 84 ياشلىق سۇڭ يۈخۇا مېۋە-چېۋىلەرنى ئېلىپ كېلىپ «قىزى» گۈلباھار قۇرباننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزدى.

  2004-يىلى، جەنۇبىي تىنچلىق يولى 104-نومۇرلۇق چوڭ ھويلا قۇرۇلۇپ، بۇ ئىككىيلەن تۇنجى تۈركۈمدە كۆچۈپ كىرگەن. شۇنىڭدىن بۇيان، گۈلباھار قۇربان خۇددى ئۇنىڭ قىزىغا ئوخشاش سۇڭ يۈخۇانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. ھەر يىلى دۆلەت بايرىمى، چاغان، قۇربان ھېيتلارنى ئىككىسى چوقۇم بىرگە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي گۇيۈەنشياڭ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان 15 يىلدىن بۇيان، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى خىزمەتچىلىرى بىلەن گۈلباھار قۇربان بىر ئائىلە كىشىلىرى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدا، بالىلار كۆپچىلىككە يازلىق تەتىلدە تەييارلىغان كوچا ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاپ بېرىپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  چۈشتىن كېيىن، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدا، جەنۇبىي تىنچلىق يولى 104-نومۇرلۇق چوڭ ھويلىدىكى ئاھالىلەر ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ، كىچىك دوستلار ئېلىپ كەلگەن ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى. بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىن، ئۇلار ئورۇنلىغان ئۇسسۇل، ناخشا، كوچا ئۇسسۇلى قاتارلىق نومۇرلارنى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۆگەنگەن بولۇپ، بۇ مەھەللە ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ بوۋاي ۋە مومايلارنى ناھايىتى خۇشال قىلدى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدا، ساۋاقداشلار كۆپچىلىككە يازلىق تەتىلدە تەييارلىغان ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاپ بېرىپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  ھەر قېتىملىق بايراملاردا مۇشۇنداق پائالىيەتلەر گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدىكى باشقا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئۇرۇق-تۇغقان دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ، بايرامنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ، دوستلۇق توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، يېڭى دەۋردە ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدا، ساۋاقداشلار كۆپچىلىككە يازلىق تەتىلدە تەييارلىغان ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاپ بېرىپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى ئمىنشىن ئولتۇراق رايونىدا، ساۋاقداشلار كۆپچىلىككە يازلىق تەتىلدە تەييارلىغان ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاپ بېرىپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدا، ئاھالىلەر بالىلار بىلەن بىرگە مەشرەپكە چۈشۈپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

  8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدا، بالىلارنىڭ سەرخىل نومۇرلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەھەللە چوڭ ئائىلىسى خاتىرە سۈرىتىگە چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى