تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭغا سوغۇق ھاۋا كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى) پار بىلەن تەمىنلەشكە ئىككى ئايچە ۋاقىت قالدى، ئەمما بۇ «تەبىئىي پار» خىزمەتتىن توختاپ قالمىدى. ھاۋا زادى قاچان سالقىندايدۇ؟ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا كېلىش ئالدىدا بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

  ئۈزلۈكسىز ئايرىلىپ كەلگەن سوغۇق ھاۋانىڭ داۋاملىشىشى تەسىرىدە، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتىن 8-ئاينىڭ 18-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق بىر قىسىم رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

  شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا شامال ئېغىزىدا 10~9 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5~4 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن.

  بۇ يىلدىكى تومۇز كۈنلىرى جەمئىي 40 كۈن بولۇپ، ھازىر تومۇز كۈنلىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، ھاۋانىڭ ئىسسىق بولۇشىمۇ نورمال. «شىمالىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈندۈزگىچە داۋاملىشىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 8-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ قېتىملىق سوغۇق ھاۋا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، لېكىن سوغۇق ھاۋا  ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى يەنە كۆرۈلەمدۇ-يوق، بۇنى بىر نېمە دېمەك تەس. ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ئىنتايىن تېز.» دېدى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى دوۋ شىنيىڭ.

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃37.1 بولدى، بۇ، 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ℃37.3 تىن قالسا، مۇشۇ ياز پەسلى كىرگەندىن بۇيانقى «ئىككىنچى ئىسسىق كۈن» بولۇپ قالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:« مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃26، 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا تۆت كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃25 ئەتراپىدا بولىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى ھاۋارايىغا قارىتا قېلىنراق ياكى نېپىزراق كىيىنىشكە دىققەت قىلىشى، سىرتقا چىققاندا يامغۇرلۇق ئېلىۋېلىشى كېرەك.»

  مۆلچەرلىنىشچە، 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈندۈزدە 7~6 بال غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگوۋغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى كونا شامال ئېغىزى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى (ئوتتۇز چاقىرىملىق شامال رايونى) بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى