8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىشچىلار شىڭيې ناھىيەسىدىكى بىر «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دا تىكتاك توپ پالىقى پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشىنىڭ يۈلىن شەھىرى شىڭيې ناھىيەسى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «كارخانىلار بازار، كەنتلەرگە بېرىپ تارماق زاۋۇت، پىششىقلاپ ئىشلەش نۇقتىسى تەسىس قىلىش»، «سىرتقا چىقىپ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زاتلار يۇرتىغا قايتىپ زاۋۇت قۇرۇش»، «يەرلىك بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇش»، «ئائىلە شەكلى»، «شىركەت+بازا+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت بەش خىل ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىپ، نامرات ئاھالىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامرات كىشىلەر توپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. نۆۋەتتە، شىڭيې ناھىيەسى 156 «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى»نى بېكىتىپ، 6000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئامما 1300دىن ئارتۇق كىشى بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن ئارتۇققا يەتتى. (ساۋ يىمىڭ فوتوسى)
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، نامرات ئاھالە لىن چىڭلەن شىڭيې ناھىيەسىدىكى بىر «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە.
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، نامرات ئاھالە ۋۇ لى شىڭيې ناھىيەسىدىكى بىر «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دا تىكتاك توپ پالىقى پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە.
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىشچىلار شىڭيې ناھىيەسىدىكى بىر «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دا تىكتاك توپ پالىقى پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە.
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، نامرات ئاھالە لياڭ خەينى(سولدا) شىڭيې ناھىيەسىدىكى بىر «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دا قەغەز يەشىكلەرنى رەتلىمەكتە.
بۇ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان شىڭيې ناھىيەسى داپىڭشەن بازىرى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى كەسىپلەر باغچە رايونى، نۆۋەتتە بۇ باغچە رايونىدا توققۇز كارخانا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇردى.