تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئوق پويىز دەۋرىگە قەدەم قويدى

  خەلق تورى خەۋىرى: سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر كېلىدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز يېقىندا شىنجاڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئوق پويىز دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   «گۈللىنىش» ناملىق دىۋىگاتىللىق پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىر بولۇپ، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريولدا ماڭالايدۇ، ۋاگوننىڭ ھىملىقى ياخشى، ئىچكى تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يۈرۈش جەريانىدىكى شاۋقۇنى ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە .

تۇنجى نۆۋەتلىك «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتناپ شەھەرلەر ئارا قاتناش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن كۈنىگە ئۈچ جۈپ پويىز قاتنىدى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يەنە 20 گۇرۇپپا «گۈللىنىش» ناملىق پويىز غۇلجا ، شىخەنزە ، كۇيتۇن، شىخۇ قاتارلىق جايلارغا كۆپ يۆلىنىش، كۆپ زىچلىقتا كەينى-كەينىدىن قاتناپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ئارىسىدا ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى قولايلاشتۇرىدىكەن.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ئۈرۈمچى ، 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى، مۇخبىر فۇ شياۋبو)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى